جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تور يىغىنىغا تەكلىپ

12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن مۇھىم بىر كۈن. بۇ كۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھۆرلۈككە ئېرىشىپ، مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان مۇبارەك كۈن. 1933-يىلى 12-نويابىر قەشقەردە، 1944-يىلى 12-نويابىر غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلدى. ئازادلىق كۈرىشىنىڭ ئاساسىي بولغان بۇ مۇقەددەس تارىخىمىزنى خاتىرىلەش، كەلگۈسىمىزنىڭ ئىز باسارلىرى بولغان ياشلارغا بىلدۈرۈش، ئۆگىتىش ئۈچۈن ھەر يىلى بۇ مۇبارەك كۈننى چوڭ يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق، تەنتەنىلىك ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىدۇق. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ يىل خىتاي ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كەتتى. شۇ سەۋەبلىك، يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن سىنلىق تور يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلارنى بۇ تور يىغىنغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىمىز.

شۇنداقلا پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى 12-نويابىر كۈنى ئۆيلىرىنىڭ بالكونلىرىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى ئېسىشقا، شۇنداقلا ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېساباتلىرىدا كۆك بايراق چىقىرىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى

يىغىن ئېچىلىش ۋاقتى: 2020-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى، سائەت 19:00دا.

يىغىن يۇتيۇب ئارقىلىق نەق مەيداندىن تارقىتىلىدۇ.

بۇ خەۋەر 5346 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 13:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق