دېھقانلار خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە

يېقىنقى كۈنلەردە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قايتىدىن تارقىلىشى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كۈچەيتكەن ئىدى.

بۈگۈن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغاندا بىر سىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر دېھقاننىڭ ئېتىزلىقىغا پاختا تەرگىلى چىققانلىقى، يېزا كادىرلىرىنىڭ ئۇنى كۆرۈپ قىلىپ، قوپاللىق بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى، ئۇلار بىلەن بىللە قايتىشقا بۇيرۇق قىلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. سىنغا ئاساسلانغاندا، دېھقانلارنىڭ ئۆيدىن سىرتقا چىقىشىغا، ئېتىزدا ئىشلىشىگە چەكلىمە قويۇلغان.

يېقىندا شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېڭىدىن بايقىلىشى خەلققە قارىتىلغان بېسىم ۋە ۋە نازارەتنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. شۇنداقلا ۋىرۇس تارقالمىغان رايونلاردىمۇ خەلق ئۆيلىرىگە قامىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئېتىز ئىشلىرى توختاپ قالغان.

خىتاي ۋىرۇسى يېڭىدىن تارقالغان ۋاقىتلاردىمۇ، دائىرىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا كىشىلەرنى پۈتۈنلەي ئۆيىگە قاماپ، نورمال ھايات كەچۈرۈش ئىمكانىيىتى قويمىغانلىقى، بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئاچ قالغانلىقىغا ئالاقىدار خەۋەر ۋە ۋىدىيولار تارقالغان، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ كۈچلۈك ئەندىشىسىنى قوزغىغان ئىدى.

بۇ خەۋەر 2300 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق