ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن يەنە قورال سېتىش توختىمى ئىمزالىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا 107 مىليون دوللارلىق قورال سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ سېتىۋېلىش كېلىشىمىگە ئاساسەن كەلگۈسى توققۇز يىلدا تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھەر خىل تىپتىكى پاراخوتلىرى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلىنىدىغان بولۇپ، بۇلار دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوت توپى، يېقىن مۇساپىلىك «CIWS» تىپلىق قورال سىستېمىسى قاتارلىق 19 تۈرنى ئوق-دورا بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

تەيۋەن ھۆكۈمىتى ئېلېكتىرونلۇق سېتىۋېلىش تورىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەربىي ئىشلار ئۆمىكى بىلەن تەيۋەندىكى ئامېرىكا جەمئىيىتى بۇ سېتىۋېلىش لايىھەسىنى 6-نويابىر ئىمزالىغان بولۇپ، ئومۇمىي قىممىتى جەمئىي 107 مىليون دوللار ئىكەن. بۇ كېلىشىم 2020-يىلى 20-ئۆكتەبىردىن 2029-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئىجرا قىلىنىدىكەن.

تەيۋەن ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ سېتىۋېلىش كېلىشىمى تەيۋەن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ توققۇز يىللىق ئوق-دورا ئېھتىياجىنى قامدىيالايدىكەن. ئەمما مەزكۇر سېتىۋېلىش لايىھەسى تورپېدا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق قوراللارنىڭ ئوق-دورىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يېقىندىن بۇيان نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىخەتەرلىك، تېخنولوگىيە، خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى، كىشىلىك ھوقۇق، خوڭكوڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان قاتارلىق مەسىلىلەردە زىددىيىتى كۈچەيگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ ھەربىي ئايروپىلانلىرى تەيۋەنگە قارىتا پاراكەندىچىلىكىنى كۈچەيتكەن ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان سەي يىڭۋېن ھۆكۈمىتىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە خىتاينىڭ تەيۋەنگە پاراكەندىچىلىك سېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ تەيۋەننى تېخىمۇ قوللىشىغا تۈرتكە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

بۇ خەۋەر 832 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 11:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق