شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىدى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، 8-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار بايقالمىغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 59 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىكەن. ئالتە بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 306 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 285 بىمار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 21 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن. 10-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە، ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن 46 بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئايرىپ كۆزىتىلىش ئورنىدىن چىقىرىلغان. رەسمىي يۇقۇملانغان 19 بىمارنىڭ سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىپ، دوختۇرخانىدىن چىققان.

بۇ خەۋەر 1899 قېتىم كۆرۈلدى
09/11/2020 11:39:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق