ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، داۋالاش ۋە مەسلىھەت بېرىش ئورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەقفىنىڭ بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلىرى ئىچىدىكى موھتاج، تۇل ۋە يېتىم ئائىلىلەرنىڭ دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنالماسلىقتەك قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە ئېچىلغان ھەقسىز كېسەل كۆرۈش، مەسلىھەت بېرىش ئورنى قايتا ئېچىلدى.

مەزكۇر جەمئىيەتلەر بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق دوختۇر تەكلىپ قىلىپ، ھەقسىز كېسەل كۆرۈپ، ئېغىر كېسەللەرنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئەمما مەلۇم كىشىلەرنىڭ شىكايەت قىلىشى بىلەن بۇ ئىش توختاپ قالغان. ئاللاھنىڭ پەزلى-مەرھەمىتى ۋە ساخاۋەتچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ دوختۇرخانا ۋە ھەقسىز كېسەل كۆرۈش ئىشى قايتا ھەل بولدى.

ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفىگە ھەقسىز ئادۋوكات، بالىلار ۋە چوڭلار ئۈچۈن ھەقسىز پىسخىكا مەسلىھەت دوختۇرى، ئايال ۋە بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس كېسەل كۆرىدىغان دوختۇر تەكلىپ قىلىندى.

ياردەمگە ئېھتىياجلىق قېرىنداشلار ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفىگە كېلىپ، ۋەقفى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىسپات ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن ئورۇنغا بېرىپ داۋالانسا بولىدۇ. داۋالىنىش چىقىمنى ۋەقفى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاش خىزمىتىمىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە باشلىنىدۇ، ئىنشائاللاھ.

ھۆرمەت بىلەن: ئىيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋەقفى
7/11/2020

بۇ خەۋەر 5202 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2020 18:13:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق