يۈسۈپجاننىڭ خىتاي جاسۇسلىرىنى ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەبلىك قەستكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە «قانال د»نىڭ 4-نويابىردىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىدە يۈسۈپجاننىڭ قەستكە ئۇچراش سەۋەبىنىڭ خىتايغا ئىشلەيدىغان ئون ئۇيغۇر جاسۇسنى ئاشكارىلىغانلىقى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، يۈسۈپجان خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى بىلىدىغان مۇھىم شەخسلەردىن بىرى بولۇپ، ئىلگىرى خىتاي ئىستىخبارات ئورگىنى يۈسۈپجاننىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق، ئۇنى خىتايغا خىزمەت قىلىشقا مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۈسۈپجان بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى مەلۇم خەلقئارا ئاخبارات قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، نۆۋەتتە خىتايغا ئىشلەۋاتقان ئون ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئاشكارىلىغان.

نۆۋەتتە تۈركىيە ساقچىلىرى يۈسۈپجانغا كىمنىڭ قەست قىلغانلىقىنى، پەردە ئارقىسىدا كىملەرنىڭ بارلىقىنى جىددىي تەكشۈرمەكتە ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان چارشەنبە كۈنى كېچىدە ھازىر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكىلىشنى تەلەپ قىلغان. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى باش كاتىپى نۇرىددىن ئىزباسار ئەپەندى يۈسۈپجاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئىستانبۇلدىكى نۇرغۇن دوختۇرخانىغا تېلېفون قىلغان بولسىمۇ، دوختۇرخانىلار خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كېسەللەر بىلەن توشۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقتىمۇ بىر دوختۇرخانا بىلەن ئۇقۇشۇپ، يۆتكەشكە كېلىشكەن. بىراق ھازىر داۋالىنىۋاتقان دوختۇرخانا مۇتەخەسسىسلىرى جىددىي قۇتقۇزۇلۇۋاتقان كېسەلنى يۆتكەشنىڭ بىمارنىڭ ھاياتىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، يۆتكەشكە قوشۇلمىغان. نۆۋەتتە يۈسۈپجان باكىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىدىكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە داۋالانماقتا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1229 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2020 15:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق