شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە ئىككى كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى»نىڭ بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئىككى كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

6-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن ئىككى كىشى كۆپەيگەن. بۇ ئىككى كىشى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار ئىچىدىن بايقالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 74 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 327 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 306 بىمار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 21 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن 23 بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئايرىپ كۆزىتىلىش ئورنىدىن چىقىرىلغان.

بۇ خەۋەر 1939 قېتىم كۆرۈلدى
07/11/2020 13:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق