ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۆت دۆلەت بىرلىشىپ، خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى غايەت زور بېلىقچىلىق ئەترىتىنىڭ قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيەتلىرىگە زەربە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، چىلى، كولومبىيە، ئېكۋادور ۋە پېرۇ قاتارلىق تۆت دۆلەت چارشەنبە بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تىنچ ئوكيان ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا يېقىن جايدا قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئورتاق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىرلەشمە باياناتتا خىتاي بىۋاسىتە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتى «يېشىل تىنچلىق» ۋە بېلىق تۇتۇش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان «ئوكيانىيە» تەشكىلاتى خىتاينى كۆپ قېتىم رايوندا قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيەتلىرى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان. جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى تۆت دۆلەت ھەمكارلىق ئورنىتىپ ۋە ئۇچۇر ئورتاقلىشىشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز بويىدىكى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇشنى توختىتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 7-ئايدا ئېكۋادور خىتايغا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ 300گە يېقىن بېلىقچىلىق كېمىسى گالاپاگوس ئارىلىغا يېقىن جايغا كېلىپ، چوڭ سىياھ بېلىقلارنى تۇتقان. بېلىقچىلىق كېمىلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسىنى تاقاپ ئۆزىنى يوشۇرغان. ئوكيانىيە تەشكىلاتى خىتاينىڭ يىراق ئوكيان پاراخوتىنىڭ خەلقئارالىق دېڭىز رايونىنىڭ جەنۇبىغا بېرىپ، پېرۇ ۋە چىلىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا يېقىن جايدا بېلىق تۇتىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دېڭىز بېلىقچىلىقى مەنبەسىنىڭ خورىشى سەۋەبىدىن، خىتاي يىراق ئوكيان بېلىقچىلىق ئەترىتى زورايتقان. چەتئەل تەرەققىيات تەتقىقات ئورنىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ يىراق ئوكيانغا بارىدىغان پاراخوت ئەترىتىنىڭ ئومۇمىي سانى 17 مىڭغا يېقىن بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەردىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. بۇ پاراخوتلارنى تولۇق نازارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ يىراق ئوكيانغا بارىدىغان زور تۈركۈمدىكى پاراخوتلىرى قانۇنسىز بېلىق تۇتۇش پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن. بۇ دېڭىز بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يەر شارى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ۋە دېڭىز-ئوكيان ئېكولوگىيەسىگىمۇ زىيان سالىدىكەن.