خىتاي يەرشارى ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا يەر شارى ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرىنىڭ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، خىتاي تەرەپ بۇ مەسىلىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟»دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ: «ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›نى تېررورلۇق تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشتەك بۇ خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى كېرەك» دېگەن.
ۋاڭ ۋېنبىن باياناتىدا: «خىتاي ئامېرىكىنىڭ قارارىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ۋە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلغان. مەزكۇر تەشكىلات ئۇزۇندىن بۇيان تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىشىنى ۋە مال-مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئارقىلىق خىتاي ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈردى. ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›گە زەربە بېرىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. ئامېرىكا ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›نى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش مەسىلىدىكى ئورتاق قوللىغۇچىسى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بۇ ئامېرىكا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى ‹قوش ئۆلچەم» پوزىتسىيەسىنى ۋە‹لازىم بولغان ئىشلىتىش، لازىمى قالمىغاندا تاشلىۋېتىش› مەيدانىنى يەنە قېتىم ئاشكارىلىدى. ئامېرىكا خاتالىقىنى دەرھال تۈزىتىشى، تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئاقلىماسلىقى، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق مەيدانىنى ئۆزگەرتمەسلىكى كېرەك» دەپ بىلجىرلىغان.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو 5-نويابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئورگان تور بېتىدە، «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.