شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 21 كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن يەنە 21 كىشى كۆپەيگەن.

5-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 21 كىشى بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 15 كىشى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار ئايرىپ كۆزىتىلىۋاتقانلار ئىچىدىن بايقالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 78 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىدە ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 339 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 318 بىمار قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 21 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن توققۇز بىمارنىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىپ، ئايرىپ كۆزىتىش ئورنىدىن چىقىرىلغان.

بۇ خەۋەر 1834 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2020 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق