خىتاي كونىشەھەر ناھىيەسىدە يەنە يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى باشلىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە قەشقەر ۋىلايىتى كونىشەھەر ناھىيەسىدە بارلىق خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ، تۆتىنچى باسقۇچلۇق يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەۋرىشكە ئالغۇچى خادىملارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلغان بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەر ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان. 4-نويابىر كونىشەھەر ناھىيەسى بۇلاقسۇ بازىرى كەنت ئاھالىلىرى كەنت ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كۈتۈش رايونىغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ تىزىلغان. ئۆچرەتتە تۇرۇش داۋامىدا ماسكا تاقاش، ئارىلىق ساقلاش، يادرو كىسلاتا ئەۋرىشكىسى ئالىدىغان خادىملار بىلەن ھەمكارلىشىش تەلەپ قىلىنغان.
يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىشقا مەسئۇل چىمەنگۈل مەمەت مۇخبىرغا بۇلاقسۇ بازىرى دەيسۇ كەنتىگە تەۋە 11 گۇرۇپپىدا 2790 كىشىدىن يادرو كىسلاتاسى ئەۋرىشكىسى ئېلىش ۋەزىپىسى بارلىقىنى، شۇڭا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسى ۋە ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خادىملىرى 23 كىشىلىك گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئىككى نۆۋەت بىلەن يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ئەۋەتكەن. قەشقەردىكى ئىككىنچى خەلق دوختۇرخانىسىدا 10 يۈرۈش يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈش ئەسۋابى ۋە يادرو كىسلاتاسىنى كۈچەيتىش ئەسۋابى تولۇق ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 2009 قېتىم كۆرۈلدى
06/11/2020 17:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق