ئىستانبۇلدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان يۈسۈپجاننىڭ ئەھۋالى ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى

ئىستانبۇلدا قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مۇھاجىر يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەنگەنلىكى، ئوپېراتسىيە بۆلۈمدىن كۈتۈنۈش بۆلۈمىگە يۆتكەلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ۋەقەنىڭ بىردىنبىر شاھىتى بولغان سۇلتانجان ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يۈسۈپجاننىڭ ئوق تېگىپ يەرگە يىقىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى سۆزىنىڭ «ۋەقەنى نەق مەيداندىن فېيسبۇكقا تارقىتىش ۋە خىتاينىڭ سۇيىقەستىنى پاش قىلىش» بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىندىن باشلاپ، يۈسۈپجان ئەمەتنى زىيارەت قىلىش ۋە يوقلاشقا بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىمە قويغان.

دوختۇرخانىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ ئوقتىن زەخىملەنگەن بىر يارىدار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇش كېرەكلىكى ۋە شۇلار رۇخسەت قىلغاندىلا، بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە يۈسۈپجان ئەمەتنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدىن نورمال داۋالاش بۆلۈمىگە چىققانلىقى، بۇنى ئۇنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنىشى، دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئەمما ئۇ يۈسۈپجاننىڭ سالامەتلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تولۇق ئەسلىگە كېلىش ياكى كېلەلمەسلىك مەسىلىسىگە ھازىرچە بىر نېمە دېيىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى بۇ ھەقتە يوللىغان ئۇچۇرىدا: «يۈسۈپجان ئىلگىرى ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيە قانىلىدا قىلغان سۆزىدە خىتاينىڭ ئائىلىسىنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ، ئۇنى خىتاي ئىستىخباراتى ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى پاش قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭمۇ تەھدىت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ 2-نويابىر كەچتە نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان. دوختۇرلار ئۇنىڭ ئەڭ خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. بۇ سۇيىقەستتىن كېيىن خەلقىمىز ئارىسىدا بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە جىددىي ئەندىشە ۋەزىيىتى پەيدا بولدى. ئالاقىدار دائىرىلەر سۇيىقەستكە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈشلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. جىنايەتچىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە قولغا ئېلىنىپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي تەرىپىنىڭ ئايدىڭلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ خەۋەر 1038 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 19:45:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق