خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ يەتتە تۈرلۈك مەھسۇلاتىنى چەكلىدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى يامانلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي يەنە ئاۋسترالىيەنىڭ يەتتە تۈرلۈك مەھسۇلاتىنىڭ ئىمپورتىنى چەكلىگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاي سودىگەرلىرىدىن 6-نويابىردىن باشلاپ ئاۋسترالىيەنىڭ چوڭ راك، ئۈزۈم ھارىقى، ئارپا، شېكەر، ياغاچ، كۆمۈر ۋە مىس قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك مەھسۇلاتىنىڭ ئىمپورتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما ئاۋسترالىيە خىتايغا ئەڭ كۆپ ئېكسپورت قىلىۋاتقان تۆمۈر رۇدىسى ۋاقتىنچە بۇ چەكلىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئاۋسترالىيەنىڭ نەچچە توننا تىرىك راكلىرى ئالدىنقى ھەپتە خىتاي ئايرودرومىدا تاموژنىدىن ئۆتۈشى كېچىكتۈرۈلگەن بولۇپ، نۇرغۇنلىرى ئۆلۈپ، بۇزۇلۇپ كەتكەن. ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، خىتاي تاموژنىسىنىڭ كەمسىتىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت قوللانغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «بىز ئاۋسترالىيەنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى روھىغا ماس ھالدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداق بولغاندا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئەسلىگە كېلىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان خىتاي ئاۋسترالىيەگە قارىتا سودىدا ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، كۆمۈر، پاختا، ئارپا، كالا گۆشى ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن. خىتاي ئاۋسترالىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ، پەقەت ئالدىنقى ئىككى يىلدا ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا قارىتا دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى تەخمىنەن 16 مىليارد ئاۋسترالىيە دوللىرىغا يەتكەن. ئاۋسترالىيەنىڭ خۇاۋېينى چەكلىشى ۋە ۋىرۇسىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن، خىتاي-ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى مەزگىللەردە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.

بۇ خەۋەر 891 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 19:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق