شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە ئون كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئون كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

3-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن ئون كىشى كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئىككى كىشى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى بولۇپ، ئۇلار ئايرىپ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلار ئىچىدىن بايقالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 72 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، سەككىز بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر ئىكەن. بىمارلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەردە ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 339 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 324 بىمار كونىشەھەر ناھىيەسىدە، قالغان 15 بىمار قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1738 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 17:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق