خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلام جەمئىيىتى» يېڭى دوكلات ئېلان قىلدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنغا قارشى چېكىدىن ئاشقان دۈشمەنلىكى، دىنغا ئېتىقاد قىلىشنى «روھىي كېسەللىك» دەپ كەمسىتىپ، لاگېرغا قاماش قاتارلىق جىنايەتلىرى خەلقئارانىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش ئۈچۈن ئاتالمىش «شىنجاڭ ئىسلام جەمئىيىتى» نامىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلغان.

دوكلاتتا خىتاينىڭ ئۆزلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، نورمال دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ پەقەت ئاتالمىش «دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلار»غىلا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

دوكلاتتا يەنە فىرانسىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەنى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە كەڭ قورساقلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا مۇسۇلمانلارنىڭ تۈرلۈك كەمسىتىش ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇق سىياسەتلىرى ھەققىدە شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە دوكلاتلاردىكى دەلىللەر ئارقىلىق ئىسپاتلانغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي يەنىلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە يالغاندىن ئۆزىنى ئاقلىغان.

كۆزەتكۈچىلەر خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دۈشمەنلىكىدە باشلامچىلىق رولىنى ئېلىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىسلامىي ئىسىم قويۇشتەك ئەقەللىي ھوقۇقىنىمۇ چەكلىگەن، ئىسلام دىنىنى ھاقارەتلەپ، مۇسۇلمانلارنى جازالاۋاتقان بىر پەيتتە، يەنىلا تۈرلۈك ئويدۇرمىلار بىلەن ئۆزىنى ئاقلىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ساختىپەز، شەرمەندە يۈزىنى ئېچىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

بۇ خەۋەر 1901 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 16:53:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق