ئۇيغۇر قىزلىرى داۋاملىق ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە

1-نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان بىر سىندا، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى تەييارلاپ، سەپەرگە تەييارلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشى كۆرسىتىلگەن.

سىندىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر قىزلار خىتاينىڭ لەنسى تېخنولوگىيە (蓝思科技) شىركىتىدىن باشقا جايغا يۆتكىلىشكە تەييارلانغان. لەنسى تېخنولوگىيە شىركىتى خىتايدىكى يانفون ئېكرانى ئىشلەپچىقىرىدىغان شىركەت بولۇپ، ئايفون قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنى مال بىلەن تەمىنلەيدىكەن. سىندا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى، ئەرزان ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە باشقا زاۋۇت ياكى شىركەتلەرگە يۆتكەلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنى بىر تەرەپتىن ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن جازا لاگېرلىرىغا قامىسا، يەنە بىر تەرەپتىن تۈرمە ۋە لاگېر سىرتىدا قالغان ياشلارنى، بولۇپمۇ قىز-ئاياللارنى ئاتالمىش «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ۋە باشقا رايونلارغا سۈرگۈن قىلىپ، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 1816 قېتىم كۆرۈلدى
05/11/2020 16:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق