خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە باشلىدى

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 1-نويابىردىن باشلاپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 130 مىڭدىن ئارتۇق تەكشۈرگۈچى خادىمنى تەشكىللەپ، ئومۇميۈزلۈك نوپۇس تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىمقى نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە ئېلېكتىرونلاشقان ئۇسۇل قوللىنىلغان. تەكشۈرۈش جەريانىدا بارلىق ئائىلىلەرگە كىرىپ تەكشۈرۈش، ئالاقە تورىدا ئۆز ئالدىغا تولدۇرۇش، سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەردە توپلاش، بىۋاسىتە يۇقىرىغا يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئاھالىلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىنغان. نوپۇس تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە جەمئىي 137 مىڭ 98 «ئىككى خادىم»نى (ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېتەكچىسى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچى) تاللاپ تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش يېتەكچىسى 28 مىڭ 448 كىشى، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگۈچى 108 مىڭ 650 كىشى ئىكەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى يەنە رايونلارغا ئايرىش خەرىتىسى ۋە ئىمارەتلەرگە بەلگە سېلىش خىزمىتىنى تاماملىغان بولۇپ، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە 14 مىڭ 791 ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش رايونىنىڭ چېگراسىنى بېكىتىش تاماملىنىپ، تۆت مىليون 730 مىڭ ئىمارەتكە بەلگە سېلىنىپ، 110 مىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئولتۇراق رايونى ئايرىلغان.

بۇ خەۋەر 2085 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2020 17:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق