شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە يۇقۇملانغانلار يۈزدىن ئېشىپ كەتكەن

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلاردىن يەنە 118 كىشى كۆپەيگەن.

3-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن يەنە 118 كىشى بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 116 كىشى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 64 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەردە ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 345 بولۇپ، بۇلارنىڭمۇ ھەممىسى كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن. ئۇندىن باشقا ئاقتۇ ناھىيەسىدە يېڭىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان.

بۇ خەۋەر 1474 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2020 16:16:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق