خىتاينىڭ ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى ۋەيران قىلىش پىلانى كۈچەپ ئىجرا قىلىنماقتا

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2- نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «كونا ئولتۇرا رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆي ۋە ھويلا-ئاراملىرىنى ۋەيران قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2019-يىلى ۋە 2020-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەر-بازارلىرىدىكى 1892 (2019-يىلى 802، 2020-يىلى 1090) كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىشنى پىلانلىغان. بۇ جەمئىي 318 مىڭ 400 ئائىلىلىك ئاھالىگە چېتىلىدىكەن. بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە شەھەر-بازارلاردىكى 1635 كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئىش باشلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئاتالمىش «كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش» نامىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ئۇسلۇبىدا سېلىنغان ئۆيلەرنى چېقىپ ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى سىناق تەرىقىسىدە ئالدىن يولغا قويۇپ، باسقۇچقا بۆلۈپ ئىجرا قىلىشقا باشلىغان. 2019-يىلى پىلانلانغان مەزكۇر لايىھەدە ئۈرۈمچى شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، ئاقسۇ شەھىرى، كۇچا شەھىرى، خوتەن شەھىرىدىن ئىبارەت بەش شەھەر سىناق قىلىپ ئۆزگەرتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

خىتاينىڭ ئاخبارات ئورۇنلىرى ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاندا 2000-يىلىدىن بۇرۇن سېلىنغان، ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك كونا ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەر 5000 دىن ئارتۇق بولۇپ، تەخمىنەن 750 مىڭ ئائىلىگە چېتىلىدىكەن.

بۇ خەۋەر 1910 قېتىم كۆرۈلدى
04/11/2020 15:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق