چوڭ ھەجىملىك ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

ئۆزخەۋىرىمىز: ئامېرىكىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەمگەك مېۋىسى بولغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق 12 توملۇق زور ھەجىملىك ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى.

ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرىنى ياراتقان تۈركىي خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخىي مۇساپىلىرى ئىككى ئەسىردىن بۇيان دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن زور ساندىكى ئەسەرلەر يېزىلغان. ئەمما مەزكۇر ئەسەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن ھازىرغىچە بولغان بارلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئومۇمىي تارىخ» ئەسىرى يوقلۇقتىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرغان.

«ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىن ئىبارەت مەزكۇر زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسەر جەمئىي 12 توم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» بەش تومنى تەشكىل قىلغان. بۇ بەش تومدا 1943-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن جەريانلار يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى، شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلانغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر ئەسەرنىڭ 1944-يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»گە مۇناسىۋەتلىك 7-، 8-توملىرى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلدۇرۇلدى.

بۇ خەۋەر 6273 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2020 18:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يېزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق