ماۋى ھىلال جەمئىيىتى خەلقىمىزنىڭ دەردىگە دەرمان بولماقتا

تۈركىيەدە خەلقىمىز ئۈچۈن ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى بۈگۈن ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا گۆش تارقىتىپ بەردى.

ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى تۈركىيەدىكى قىيىنچىلىق بار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس خىزمەت قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا خەلقئارادىكى ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى ۋە ۋەقفىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىجتىمائىي ياردەم خىزمىتىنى كۈچەيتمەكتە.

ئىگىلىشىمىزچە، ماۋى ھىلال جەمئىيىتى بۈگۈن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ياردەمگە ئېھتىياجلىق ئۇيغۇرلارغا مىڭ كىشىلىك گۆش تارقىتىپ بەردى. جەمئىيەت يەنە 2-نويابىر 130 كىشىلىك گۈرۈچ، ئۇن، شېكەر قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك ۋە تازىلىق، تۇرمۇش بۇيۇمى، 50 خالتا ئۇن، 75 كىشىلىك ئوقۇغۇچىلار سومكىسى، 18 مىڭ لىرا نەق پۇل تارقىتىپ بەردى.

ماۋى ھىلال ئىنسانىي ياردەم جەمئىيىتى رەئىسى ئابدۇرېھىم ئەزىزئوغلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جەمئىيەت بىلەن ھەمكارلاشقان تۈرك جەمئىيەتلىرى ۋە ساخاۋەتچى بايلارغا رەھمىتىنى بىلدۈردى ۋە ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلىدى. شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ خىزمەتلىرىگە ماسلىشىپ بەرگەن مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

 

 

 

بۇ خەۋەر 5040 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2020 18:21:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق