خەۋەرلەر تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، تۈنۈگۈن كېچە ئىستانبۇلنىڭ ئاۋجىلار رايونىدا يۈسۈپجان ئەمەت ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېغىر يارىلانغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ۋەقە كېچە سائەت 10:30 ئەتراپىدا ئىستانبۇلدىكى ئاۋجىلار رايونىنىڭ دېنىزكۆشلەر مەھەللىسى ياكاموز كوچىسىدا يۈز بەرگەن. كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىنغان يۈسۈپجان دوستىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە، كەينىدىن تۇيۇقسىز كەلگەن نامەلۇم بىر كىشى تاپانچا بىلەن ئىككى پاي ئوق ئاتقان. ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۇنىڭ مۈرىسى ۋە بىلىكى ئېغىر يارىلانغان بولۇپ، ھۇجۇم قىلغۇچى قېچىپ كەتكەن.
ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، جىددىي قۇتقۇزۇش ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، يۈسۈپجان باكىركۆي دۆلەت دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭ مۈرىسى ۋە بىلىكى ئېغىر زەخىملەنگەن بولۇپ، دوختۇرلار ئۇنى جىددىي ئوپېراتسىيە قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يۈسۈپجان ئەمەت خىتاينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ۋە ساقچىلار تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا مەجبۇرلانغان. خىتاي يۈسۈپجاننى ئافغانىستاندا مەۋجۇت دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يېنىغا ئەۋەتىش ئۈچۈن 2016-يىلى ئۈرۈمچىدىن پاكىستانغا يولغا سالغان. ئۇ كېيىن خىتاينىڭ ئۆزىنى جاسۇسلۇققا مەجبۇرلىغانلىق جىنايىتىنى كۆپلىگەن خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئاشكارىلىغان.
دوستلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم نامەلۇم كىشىلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن.