ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كارېنباۋېر ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى بىلەن بولغان ھەمكارلىققا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىپ، ھىندى ئوكياننى چارلاشنى پىلانلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كارېنباۋېر: «گېرمانىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقى قائىدە-تۈزۈملەرنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى ساقلاشتا ياردىمى بولىدۇ» دېگەن. بۇ رايون ھىندى ئوكياندىن مارجان دېڭىزىغىچە سوزۇلىدىغان بولۇپ، ھىندىستان، خىتاي، ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىدنېي ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، گېرمانىيەنىڭ بىر پاراخوتى پىلانغا ئاساسەن ھىندى ئوكياندا چارلاش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. كارېنباۋېر ئۆتكەن بىر يىلدا ياۋروپانىڭ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي پىلانى ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. گېرمانىيەنىڭ ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى توماس فىتشېن: «گېرمانىيە 2022-يىلغىچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈپ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بولغان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدۇ» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، گېرمانىيە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلگەن. خىتاينىڭ رەسمىي ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2019-يىلى ئىككى تەرەپنىڭ سودا كۆلىمى 184 مىليارد 880 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.6 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ گېرمانىيەگە قارىتا ئېكسپورتى 79 مىليارد 750 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.9 ئاشقان. ئىمپورت مىقدارى 105 مىليارد 110 مىليون دوللار بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.1 تۆۋەنلىگەن. خىتاي ئۇدا ئۈچ يىل گېرمانىيەنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى بولۇپ كەلگەن. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، كارېنباۋېر گېرمانىيەنىڭ مەبلەغ شەرتلىرى ئادىل بولماسلىق، تەپتارتماستىن ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش ۋە مەبلەغ سېلىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەسىرىنى كېڭەيتىش قاتارلىق قىلمىشلارغا سۈكۈت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.