شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 13 كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە 13 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

2-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن يەنە 13 كىشى كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 57 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەردە ئىكەن. نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بويىچە كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 236 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كونىشەھەر ناھىيەسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىكەن.

ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدا تارقالغان سىنلاردا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى خەلقنى ۋىرۇس تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن، قېرى-ياش دېمەستىن يېرىم كېچىدە كوچىغا چىقىرىپ ئۆچرەتكە تىزغان. خىتاينىڭ تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بۇ خىل جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلىشى مۇھاجىرەتتىكىلەرنى بىئارام قىلماقتا.

بۇ خەۋەر 1581 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2020 18:01:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق