خىتاي ئاتالمىش «بەخت قورۇسى» نامىدا ياشانغانلارنى يىغىۋېلىش لاگېرىنى كۆپەيتمەكتە

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئاتالمىش «بەخت قورۇسى» نامىدا ياشانغانلارنى يىغىۋېلىشنى كۈچەيتكەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2016-يىلىدىن بېرى بەش مىليوندىن ئارتۇق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا قاماپ، خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارىغان بارلىق ياشلارغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن ماس قەدەمدە پەرزەنتلىرى لاگېرغا قامالغان ياشانغانلارنى «ئىگە-چاقىسىز قالغان، ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدۇق» دېگەندەك ھەر خىل چىرايلىق ناملار بىلەن لاگېرغا يىغىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى»دىن جەمئىي 425نى تەسىس قىلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورۇنلاردىكى كارىۋات سانى 44 مىڭ 782گە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە يېزىلاردىكى ئاتالمىش «ياشانغانلارنى كۈتۈش ئورنى» 265 بولۇپ، ئورۇنلاشتۇرغان كارىۋات سانى 24 مىڭ 861 ئىكەن.

خەۋەردە يەنە 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيەلەردە «ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئورنى» نامىدا تەسىس قىلىنغان لاگېرلارغا 60 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان. بۇ يىل يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 22 ناھىيەدە يەنە ئاتالمىش «يېزا بەخت چوڭ قورۇسى» قۇرۇلۇشىدىن 207نى تاماملىغان. شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئالداش مەقسىتىدە «تەنھا قالغان، قارىغۇچىسى يوق، يېشى چوڭىيىپ قالغان» دېگەندەك ناملار بىلەن ياشانغانلارنى بېقىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

بۇ خەۋەر 1707 قېتىم كۆرۈلدى
03/11/2020 17:54:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق