ئاتالمىش «شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مىللەت ۋە دىن كومىتېتى» مۇدىرى تۇرغان پىدا تەكشۈرۈلمەكتە

خىتاي خەۋەر مەنبەلىرىنىڭ 1-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن كومىتېتى»نىڭ مۇدىرى، قورچاق ئەمەلدار تۇرغان پىدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش گۇمانى بىلەن، ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.

تۇرغان پىدا 1960-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. 1985-يىلى خىتاي كومپارتىيەسىگە كىرگەن. 1996-يىلى 12-ئايدىن 1997-يىلى 9-ئايغىچە قورغاس ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى، 1998-يىلى 7-ئايدىن 2004-يىلى 2-ئايغىچە غۇلجىنىڭ شەھەر باشلىقى، 2007-يىلى 11-ئايدىن 2008-يىلى 1-ئايغىچە ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن ئوبلاست باشلىقى، 2008-يىلى 2-ئايدىن 2017-يىلى 11-ئايغىچە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق» مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى،2017-يىلى 11-ئايدىن 2018-يىلى 1-ئايغىچە ئاتالمىش «ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت»نىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، 2018-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، «ئاپتونوم رايونلۇق» سىياسىي كېڭەش مىللەت ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

بۇ خەۋەر 1906 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2020 13:03:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق