زىمىستان تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ياۋروپادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى بولغان فىرانسىيە دۆلەتلىك ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى «ۋىرۇسنىڭ تەجرىبىخانىدىن چىققانلىقى توغرىسىدىكى پەرەز دەلىل-ئىسپاتسىز ئەمەس» دەپ يەكۈن چىقارغان.
دوكلاتتا بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان تەتقىقات نەتىجىسى خۇلاسىلەنگەن بولۇپ، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ داڭلىق ۋىرۇسشۇناسى ئېتىيېن دېكرولى تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئورگان تورىدا بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، ئالىملارنىڭ ۋىرۇسقا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى، ھازىرغىچە ۋىرۇسنى شەپەرەڭدىن كەلدى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يەكۈننى ھازىر دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئېتىيېن دېكرولى چۈشەندۈرۈشىدە: «ھازىرغا قەدەر بىرەر ۋىرۇسنىڭ شەپەرەڭدىن ئىنسانلارغا بىۋاسىتە تارقىلىدىغانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق» دېگەن. ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تەتقىقاتچىلار ۋىرۇس ئېلىپ يۈرگەن شەپەرەڭلەر بىلەن دەسلەپتە يۇقۇملانغانلار ئارىسىدا زادى نېمىنىڭ ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىشكە باشلىغان.
بۇندىن بۇرۇن بەزى خىتاي تەتقىقاتچىلىرى تاغتېشەرنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا ۋاسىتىلىك رول ئوينىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا بۇ چۈشەندۈرۈشنىڭ ئېنىقسىز ئىكەنلىكى، بۇنداق دېيىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، يۇقۇملانغان شەپەرەڭ ئەۋرىشكىسىنىڭ ۋۇخەندىن 1500 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى يۈننەندىن ئېلىنغانلىقى، شەپەرەڭ بىلەن تاغتېشەردىكى ۋىرۇسنىڭ قانداق بولۇپ بىرلىشەلىگەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرگىلى بولمايدىغانلىقى، ئەڭ مۇھىمى ۋىرۇس بىلەن تاغتېشەرنىڭ گېن تەرتىپىدىكى ئوخشاشلىقنىڭ ئاران %90.3 ئىكەنلىكى، بۇ ئىنسانلار ۋە ۋاسىتىلىك توشۇغۇچىنىڭ نورمال گېن ئوخشاشلىق نىسبىتىدىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن.
دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ھازىر نۇرغۇن ئالىملارنىڭ تاغتېشەر خىتاي ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دەپ قارىغانلىقى، شۇنداق تۇرۇقلۇقمۇ خىتاي ۋىرۇسىنىڭ تەجرىبىخانىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدىكى قاراشنىڭ رەت قىلىنغانلىقى، گەرچە ۋىرۇسنىڭ خىتاي تەجرىبىخانىسىدىن چىققانلىقى ھەققىدە ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنى نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، يەنە كېلىپ خىتاينىڭ بۇ خىل ۋىرۇسلارنى تەتقىق قىلىدىغان تەجرىبىخانىلىرىنىڭ ۋۇخەندە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.