خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋىرۇس باھانىسى بىلەن خورلىماقتا

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا بىر كۈن ئىچىدە يەنە توققۇز كىشى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان.

1-نويابىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلاردىن يەنە توققۇز كىشى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە بىمار كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 57 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى توققۇز بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 223 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى كونىشەھەر ناھىيەسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىدىن ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 30-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن 61 يۇقۇملانغۇچى كۆپەيگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ 46سىنىڭ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىن، قالغان 15ىنىڭ كونىشەھەر ناھىيەسىگە قوشنا بولغان ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ قارا كېچىك يېزىسى ۋە پىلال يېزىسىدىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

تىك توكتا تارقالغان بىر سىندا كۆرسىتىلىشچە، خىتاي دائىرىلىرى ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى خەلقنى ۋىرۇس تەكشۈرۈش باھانىسى بىلەن كېچە سائەت ئۈچتە چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش دېمەستىن كوچىغا چىقىرىپ تىزىۋەتكەن. خىتاينىڭ تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن خورلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن بۇنداق سىنلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 1907 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2020 11:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق