خىتاينىڭ ئۈرۈمچى دەريا بويى (خابا) مەسچىتىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

يېقىندا ئاشكارىلانغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى سەھىيە نازارىتىنىڭ ئارقا تەرىپىگە جايلاشقان كۆنچى مەسچىتىنى چېقىۋەتكەن.

سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتلەردىن خىتاينىڭ يەنە ئۈرۈمچىدىكى بەيتۇللاھ مەسچىتىنى، بەيگە مەيدانىدىكى مەسچىتنى چېقىپ تاشلاپ، ئورنىغا باشقا قۇرۇلۇش سالغانلىقى مەلۇم بولغان.

خىتاي يەنە ئۈرۈمچىدىكى مائارىپ نازارىتىنىڭ يان تەرىپىگە جايلاشقان دەريا بوي (خابا) مەسچىتىنى، ئۈرۈمچى بۇلاق بېشى كوچىسىدىكى تۇڭگان مەسچىتىنى، تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان داۋەن مەسچىتىنى، ئۈرۈمچى شىمالىي ۋوگزال 1-ئەترەت مەسچىتىنى ئەتراپتىكى ئائىلىلىكلەر بىناسى بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر مەسچىتلەرنىڭ 2016-يىلىدىكى مۇكەممەل ھالىتى بىلەن سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان ھازىرقى چېقىۋېتىلگەن ھالىتى سېلىشتۇرما قىلىنغان رەسىملەر تارقالغان.

يېقىنقى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە چېقىلىشتىن ئامان قالغان مەسچىتلەرنى تاقىۋالغان ياكى ساياھەت ئورنى سۈپىتىدە ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 1926 قېتىم كۆرۈلدى
02/11/2020 10:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق