خىتاي-ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى كىرىزىس ئالاقىسىنى مۇزاكىرە قىلدى

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 30-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئەمەلدارلىرى سىنلىق يىغىن چاقىرىپ، كىرىزىس يۈز بەرگەندە ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا ئالاقىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى مۇزاكىرە قىلغان.

خىتاي مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋۇ چيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مارك ئېسپېر ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ، خىتاي كونتروللۇقىدىكى ئارال ۋە خادا تاشلارغا ھۇجۇم قىلىشنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرگە رەددىيە بەرگەن. بۇ خەۋەرلەردە ئامېرىكىنىڭ بىر پىلان لايىھەسى تۈزۈۋاتقانلىقى، ئەگەر ئامېرىكا پىرىزدېنت سايلىمى تىرامپنىڭ قايتا سايلىنىشىغا پايدىسىز بولۇپ قالسا، MQ-9 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قويۇپ بېرىلىپ، «كۈتۈلمىگەن ھادىسە» پەيدا قىلىش ئارقىلىق تىرامپنىڭ سايلامدا غەلىبە قىلىشىغا ياردەم بېرىلمەكچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىكەن.

ۋۇ چيەن پەيشەنبە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مارك ئېسپېرنىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي كىرىزىس پەيدا قىلىش نىيىتى يوقلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ۋۇ چيەن يەنە: «بىز ئامېرىكىنى داۋاملىق دىيالوگنى ساقلاپ قېلىشقا، ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ۋە تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ئەسكەرلىرىگە دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

ۋۇ چيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىزىس ئالاقىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە نويابىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى توغرىسىدا ۋە يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن دېڭىز بىخەتەرلىكى توغرىسىدا سىن يىغىنى ئېچىشنى پىلانلىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمى باشلىنىشتىن بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە تاشقى ئىشلارنى مىنىستىرى ئاسىيادىكى بىر نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بۇ رايوننى ۋاشىنگتون بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى چۈشەنچىسى»نى ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا بەش بۇرجەكلىك بىنا تارقاتقان ئالاقىدار باياناتتا: «ئىككى تەرەپ كىرىزىس مەزگىلىدە ئۆزئارا ئالاقىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان مېخانىزم ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. بۇ كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى باھالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلگەن.

بۇ خەۋەر 1128 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2020 13:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق