خىتاينىڭ ئۈرۈمچى تېرە بازىرىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنى چېقىۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2014-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا قاماپ، خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارىغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىي ئىزلارنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن چېقىشقا باشلىغان. ھازىرقى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۆت يىل ئىچىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغان ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى قاتناش ئىنستىتۇتى يېنىغا جايلاشقان تېرە بازىرىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنى مەھەللە ئولتۇراق رايونى بىلەن قوشۇپ چېقىپ تۈزلىۋەتكەن.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە بۇ يىل ئۈرۈمچىدىكى كازىۋەن تۇڭگان مەسچىتىنىڭ تۆت مۇنارى ۋە گۈمبىزىنى چېقىپ تاشلاپ، ئەتراپنى قورشاۋ ئىچىگە ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە ئۈرۈمچى تەرەققىيات رايونى غەربىي ۋوگزالنىڭ شىمالىي يولىدىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنى ئەتراپىدىكى مەھەللەر بىلەن قوشۇپ چېقىۋەتكەن. ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر مەسچىتلەرنىڭ 2017-يىلىدىكى مۇكەممەل ھالىتى بىلەن ھازىرقى چېقىۋېتىلگەن ھالىتى سېلىشتۇرما قىلىنغان رەسىملەر تارقالغان.

يېقىنقى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە چېقىلىشتىن ئامان قالغان مەسچىتلەرنى تاقىۋالغان ياكى ساياھەت ئورنى سۈپىتىدە قوللانماقتا ئىكەن.

 

 

 

بۇ خەۋەر 1995 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2020 13:27:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق