ئامېرىكا تاموژنىسى خىتايدىن كەلگەن قانۇنسىز بۇيۇملارنى مۇسادىرە قىلىشنى كۈچەيتتى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىكى قارمىقىدىكى تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى (CBP) بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدىن ئەۋەتىلگەن قانۇنسىز بۇيۇملارنى نازارەت قىلىش، توسۇش ۋە تۇتۇپ قېلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

باياناتتا، مۇشۇ ئاي ئىچىدە لوس ئانژېلېس خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىكى خەلقئارالىق پوچتا يوللانما دائىرىلىرىنىڭ ساختا ئاياغ، سومكا، كىيىم-كېچەك، چەكلەنگەن ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ئىستېمالچىلارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغان 812 تۈركۈم مالنى توسۇپ قالغانلىقى، ئۇندىن باشقا يەنە ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ رىقابەت كۈچىگە زىيان سالىدىغان ماللار ۋە ئامېرىكا دېھقانچىلىق ۋە مۇھىتنى بۇلغايدىغان ماللارنىڭمۇ تۇتۇپ قېلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

لوس ئانژېلېس تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كارلوس مارتېل بۇ ھەقتە توختىلىپ: «تۈرلۈك ئاماللارنى ئىشلىتىپ، ئامېرىكىغا كىرگەن مەھسۇلاتلارنىڭ ئامېرىكىلىقلارغا زىيان يەتكۈزمەسلىكىگە ۋە ئامېرىكا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئۈچۈن ئادىل ۋە رىقابەت خاراكتېرلىك سودا مۇھىتى يارىتىشىغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دېگەن.

تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قويۇلغان «ئالاھىدە يۇمشاق ھەرىكەت» ئارقىلىق %13 تىن ئارتۇق ساختا ياكى چەكلەنگەن مال بايقالغان. 2019-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، تاموژنا ۋە چېگرانى قوغداش ئىدارىسى بۇ ھەرىكەت ئارقىلىق 4800 تۈركۈمدىن ئارتۇق مال ۋە 2600 گە يېقىن دېھقانچىلىق كەسپىگە دەخلى-تەرۇز قىلغان ماللارنى قولغا چۈشۈرگەن.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىياتى ھەرخىل قانۇنسىز بۇيۇملار ئۈچۈن غايەت مەخپىي بازار شەكىللەندۈرگەنلىكى، بۇنىڭ ساختا دورا، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلات ۋە كىيىم-كېچەكتىن تارتىپ، تەركىبىدە ئەجەللىك ھايۋانات كېسەللىكلىرى بار چەكلەنگەن يېمەكلىكلەرگىچە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2019-يىلى 7-ئايدا باشلانغان ۋە تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسى باشچىلىقىدىكى تارماقلار مەقسەتلىك كۈچەيتىلگەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ سودا قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى ۋە خەلقئارادىكى قانۇنسىز پوچتا يوللانمىسى مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

بۇ خەۋەر 913 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2020 13:22:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق