شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە ئالتە كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە ئالتە كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

30-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئالتە كىشى بايقالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستان بويىچە دىۋىزىيەنى قوشقاندا ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 15ى كۆپەيگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە بايقالغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي تۈركىستان بويىچە (دىۋىزىيەنى قوشقاندا) 51 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتە بىمارنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 161 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1692 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2020 13:17:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق