30-ئۆكتەبىر تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدە قاتتىق يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، ھازىرغىچە 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ئېلان قىلىندى.
بۇ قېتىملىق يەر تەۋرەشنىڭ دەرىجىسى 6.6 بالغا يەتكەن بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 16.54 كىلومېتىر كېلىدىكەن.
ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنىڭ توربېتىدىكى ئۇچۇرلاردا ئىزمىرنىڭ سەفەرىھسار رايونىدا 30-ئۆكتەبىر چۈشتىن كىيىن سائەت 14:51 دە 6.6 بال يەر تەۋرىگەنلىكى، 17 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر كىشىنىڭ سۇدا غەرق بولغانلىقى ۋە 709 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ، ئالتە بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
بۇ ھەقتە ئىزمىر ۋالىيسى ياۋۇز سېلىم كۆشگەر شەھەردىكى بىنا تاملىرىنىڭ قىسمەن چاك كەتكەنلىكىنى، كىرىزىس مەركىزى قۇرۇش ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ باشلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەر تەۋرەشتىن كېيىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسى ۋە ئىزمىر ۋالىسى ئامال بار ماشىنا ھەيدىمەسلىك، بۇزۇلغان قۇرۇلۇشلارغا كىرمەسلىك، يەر تەۋرەش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە ئالاقىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئۇچۇر ۋە تور ئارقىلىق ئىشلەيدىغان ئەپلەرنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئەسكەرتىشلەرنى بەردى.
ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئىزمىردىكى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «ھازىرغىچە ئىزمىر بورنوۋا ۋە بايراقلىدا ئالتە بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تاپشۇرۇپ ئالدۇق . ئۇشاك، دېنىزلى، مانىسا، بالىك ئەسىر، ئايدىن، مۇلادا بىنالارغا چاك كەتكەندىن باشقا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات يوق. خادىملىرىمىز ئۇ يەردە ئىزدەش ۋە تەكشۈرۈشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ» دېگەنلەرنى بىلدۈردى.