ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو جۈمە كۈنى ۋىيېتنامنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىتتىپاقداشلار ۋە شېرىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ بەش دۆلەت زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پومپېيو ۋىيېتنام باش مىنىستىرى نىگۇيېن شۈەن فۇك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇ باش مىنىستىر نىگۇيېن شۈەن فۇكقا: «بىز ۋىيېتنام خەلقىنى ۋە دۆلىتىڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىمىز. بىز داۋاملىق ھەمكارلىشىپ، مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، ئاسىيا ۋە ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايون بىخەتەرلىكىنى، تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ پەيشەنبىدىكى باياناتىدا: «ئامېرىكا خىتاينىڭ مېكوڭ دەرياسى يۇقىرى ئېقىنىدىكى توسما قۇرۇلۇشلىرىدا ئوچۇق-ئاشكارا بولماسلىقىدىن ۋە تۆۋەن ئېقىندىكى دۆلەتلەر بىلەن سۇ بايلىقى سانلىق مەلۇماتلىرىنى چەكلىك ھالدا ئورتاقلىشىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى مىليونلىغان كىشىلەرگە تەسىر قىلىدۇ» دېگەن.
پومپېيو دۈشەنبە يېڭى دېھلىغا يېتىپ كېلىپ، ئاسىيا زىيارىتىنى باشلىغاندىن كېيىن، سىرىلانكا، مالدىۋې ۋە ھىندونېزىيەنى زىيارەت قىلغان. ئۇ بۇ قېتىملىق ئاسىيا سەپىرىنىڭ تېمىسىنىڭ «خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇش» ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېيتقان. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەن دۆلەت ئەمەلدارلىرى سەھنىلەردە خىتاينى ئاشكارا تەنقىد قىلىشنى خالىمىغان بولىسىمۇ، بىراق ئامېرىكىنىڭ رايون بىخەتەرلىك ئىشلىرىدىكى باشلامچىلىق رولىنى قارشى ئالغان.
پومپېيو جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تۆت دۆلەتكە قىلغان زىيارىتىنىڭ ئاخىرىدا ئويلىمىغان يەردىن ۋىيېتنام زىيارىتىنى كۆپەيتكەن. بۇ ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ يامان غەرەزلىك كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى تۇرۇشتا بىر-بىرىنى قوللاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى دۆلەت سودىسىمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىكەن. ئامېرىكا ھازىر ۋىيېتنامنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇپ، ئېشىش سۈرئىتى ئەڭ تېز ئامېرىكا ئېكسپورت بازىرىنىڭ بىرى ئىكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ يىللىق سودا كۆلىمى نۆل ھالەتتىن ھازىرقى 80 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
پومپېيو بۇ قېتىم زىيارەت قىلغان دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، پومپېيونى بۇ دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتىگە قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى ۋە ئارىلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.