ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ«12-نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى»دا سۆزلىگەن نۇتقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۆھتەرەم ئەزىز قېرىنداشلار! پېشقەدەم ئۇستازلىرىمىز! تەشكىلات رەھبەرلىرى! بۇ يىغىنىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز ۋە قىزغىن قارشى ئالىمىز.

بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مۇقەددەس بىلىنگەن كۈرەش، جاھات، ھەرىكەت، خىزمەت، ئىجتىمائىي پائالىيەت ۋە ئىنسان تۇرمۇشى ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن، يوقىلىش بىلەن بارلىقىمىزنى قوغداش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمى سۆڭەكتىن ئۆتۈپ، يىلىككە يەتكەن بىر پەيتتە، ئامالسىزلىقىمىزدىن قاتتىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، دەۋا سېپىدىكى ئاۋانگارت ھېسابلىنىدىغان ھەرقايسىلىرىنىڭ ئارىلىقنى يىراق-يېقىن دېمەي كېلىپ، بۇ يىغىنىمىزغا قاتنىشىپ بەرگەنلىكىڭلاردىن ئاللاھ رازى بولسۇن.

خىتاي كېسىلى سەۋەبلىك خېلى چوڭ تەشكىلاتلار، ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ ئامالسىز قېلىپ، بەزى مۇھىم يىغىنلىرىنىمۇ ئېكران ئارقىلىق ئېچىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، سىلەرنىڭ كېلىپ بۇ يىغىنغا قاتناشقانلىقىڭلار ئاددىي ئىش ئەمەس.

ئەزىز قېرىنداشلار! شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى گەرچە كۆرۈنۈشتە بۇ جەمئىيەت رەھبەرلىرى تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىۋاتقان بىر تەشكىلات بولسىمۇ، بۇ تەشكىلات دۇنيادا ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىچىدە، ھەر ساھەدە، ھەر سەپتە ھاياتىنى ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا تەقدىم قىلغان كۆپلىگەن ئۆلىما، مۇجاھىدۋە رەھبەرلىرىمىزنىڭ، شۇنداقلا خىتاي ۋىرۇسى ۋە ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شارائىتى سەۋەبلىك بۇ يىغىنىمىزغا كېلەلمەي قالغان بىر قىسىم ئالىم، ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بىزگە مىراس قىلىپ قويۇپ كەتكەن قىممەتلىك مەشئىلىدۇر، ئامانىتىدۇر. دېمەك، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەشكىلاتىدۇر.

بۈگۈن بىز «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىنىڭ 12-قېتىملىقىغاقەدەم قويدۇق. بىز بۇ جەرياندا يېڭى تۇغۇلغان بالا 12 ياشقا كىرىدىغان بىر جەرياننى بېسىپ ئۆتتۇق. «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» 2009-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تېخى بۈگۈنكىدەك خەلقئارالاشمىغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئىنتايىن ئاجىز ھەم خىتايغا بېسىم شەكىللەندۈرۈشتىن يىراق بولۇپ، خەلقىمىزنىڭ سانىمۇ ئاز ئىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنىڭ قوغدىلىشى ئەلۋەتتە تەشكىلاتلار، ئۆلىمالار، زىيالىيلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋا سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان يىگىتلەرنىڭ ۋەزىپىسى. شۇنداق ئىكەن، بۇ دەۋا بۈگۈنكى كۈننىڭ تەلەپ ۋە تەقەززاسىغا ئۇيغۇن بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى، دۇنيادا ھەم سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ھەم دىپلوماتىك ۋە لوبىچىلىق جەھەتتىن پىلانلىق بىر شەكىلدە تەرەققىي قىلىپ، 40 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىيالايدىغان دەرىجىدە كۈچ-قۇۋۋەتكە ئېرىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇنىڭ ئۈچۈن تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سەرخىللىشىشى، قابىلىيىتى ۋە سەۋىيەسىنىڭئۆسۈشى مۇھىم. قۇرۇلغان تەشكىلاتلارنىڭ نىشانسىز، دورامچى ۋە كۆپەيتىلگەن نۇسخا بولۇپ قالماستىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن، خەلقىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ھەرىكەتچان مەركىزىي تەشكىلاتقا ماسلىشىپ، دۇنيادا كۈچلۈك بىر تەشكىلاتقا، كۈچلۈك بىر سىياسىي ھەرىكەتكە ئايلىنىشقا ئېھتىياجىمىز بار. بىز بۇنىڭ ئۈچۈن 2009-يىلى دۇنيادىكى كۆپلىگەن تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ قېتىلىشى بىلەن «دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى» يىغىنىنى ئۆتكۈزدۇق. بىز شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى شۇ ۋاقىتنىڭ تەلەپ ۋە تەقەززاسى بويىچە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ، بۈگۈنگىچە كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىمىز.

شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۈچىيىپ خەلقئارالاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلمىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىشى بىلەن، دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دۆلەتلەرئارا مۇناسىۋەتلەرگىچە تەسىر كۆرسىتىپ، ھەتتا سودىلىشىدىغان بىر ۋەزىيەت بارلىققا كەلدى. دېمەك، 2009-يىلى باشلانغان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ غەيرىتى بىلەن تەرەققىي قىلىپ، 12 يىلدا بۈگۈنكىنۇقتىغا يېتىپ كەلدى.

ھازىر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى كۈچىيىپ، شەرقتىمۇ، غەربتىمۇ، ئىسلام دۇنياسىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتىدۇ. قولغا كەلتۈرگەن بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تەشكىلاتچىلىقىمىزنىڭ، مۇشۇ يىغىنلىرىمىزغا قاتناشقان تەشكىلات ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق مەسلىھەتلىرى ۋە ئۆزئارا ماسلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىدە بارلىققا كەلدى.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا قانداق قىلىشىمىز، نېمىلەرنى قىلىپ، نېمىلەرنى قىلماسلىقىمىز قاتارلىق مەسىلىلەردە ۋەتىنىمىزدىكى ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئەھمىيىتى بار. بىز 1949-يىلىدىن باشلاپ، 71 يىلدىن بۇيان خىتاي مۇستەملىكىسىدە ياشاۋاتىمىز. خىتاي دائىرىلىرى بۇ جەرياندا خەلقىمىزنى داۋاملىق ئېزىپ، دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن سىستېمىلىق بىر شەكىلدە ھەرىكەت ئېلىپ باردى. خىتاي دائىرىلىرى ئاخىرقى 3-4 يىلغا كەلگەندە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى، مەنىۋىيىتىنىڭ قەتئىيلىكىنى، دىنىي ۋە مىللىي چۈشەنچىسىنىڭ بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقىنى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىدىن ئايرىلمايدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ بىر پارچىسى دېگەن سەپسەتىسىنى ئەسلا قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئۆزلىرىگە باش ئەگمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى. خىتاي دائىرىلىرى شۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندا ئاشكارا ھالدا ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. بىز ھازىر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئومۇميۈزلۈك قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا ياشاۋاتىمىز. ھازىرقى ئەھۋال ھەممەيلەنگە مەلۇم. ھازىر 40 مىليون شەرقىي تۈركىستان خەلقى يوق بولۇش گىردابىدا، قىزىل چىراغ يېنىۋاتقان، ئاخىرقى نەپەسلىرىنى ئېلىۋاتقان بىر پەيت بولۇپ، بىز ھازىر ئۈستىمىزگە قانچىلىك دەرىجىدە ئېغىر بىر مەسئۇلىيەتنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. بۇنىڭدىن ئارتۇق سۆزلەشكە ھېچقايسىمىزنىڭ ئېھتىياجى يوق.
ئەزىز قېرىنداشلار! شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا بىرلىك، باراۋەرلىك ئۈستىدە سۆز قىلغان ۋاقىتتا، بىزگە قەغەزدىكى، جەدۋەلدىكى كاتەكچىلەرنى تولدۇرۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ. سېپىمىزگە قورچاقلارنى تىزىپ قويۇش مەقسەت قىلىنمايدۇ. سېۋەتكە ئېلىنغان سۇغا ئوخشايدىغان ئىتتىپاقلىق مەقسەت قىلىنمايدۇ. ۋەتەن دەۋاسى، ئۆزىدە، سۆزىدە، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە، ئەمەلىيىتىدەئۆزىنى ۋەتەن دەۋاسىغا ئاتىغان، ھەرقانداق، قىيىنچىلىق، ھەرقانداق بېسىم، ھەرقانداق سۇيىقەستلەرگەتاقابىل تۇرالايدىغان، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئارقىسىغا داجىمايدىغان، شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ھەم شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان، بىر رەھبەرلىك، تەشكىلاتچىلىق ۋە دەۋا ئادىمى دېگەن ئۇقۇمغا تېخىمۇ مۇجەسسەملىشىشكە ئېھتىياجى بار

بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ھەرقايسى دۆلەتلەردە، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە مۇناسىۋەتلەردە مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ، خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئېلىپ بېرىش ۋە ئوتتۇرىغا قويۇشتا تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىۋاتىدۇ. ھازىر خەلقئارادا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 كە يېقىن تەشكىلات بولۇپ، بەزى كىشىلەر تەشكىلاتلار سانىنىڭ كۆپلۈكىدىن، بۇ نېمە دېگەن كۆپ تەشكىلاتلار، دېيىشى مۇمكىن. بۇ تەشكىلاتلار، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشتا بولۇش بىلەن بىرگە، دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەمكارلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارادا مۇشۇنداق ياخشى ۋەزىيەت شەكىللەندى. بىز بۇ جەرياندا يەنە ئۆزئارا يول قويۇشۇپ، ھەمكارلىشالايدىغان بارلىق نۇقتىلارنى تېپىپ چىقىپ ھەمكارلاشقانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداقلا قولنى قولغا تۇتقان ھالدا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالىغانلىقىمىز ئۈچۈن بۈگۈنكى كۈندە يەنە تەشكىلاتلار مۇنبىرى شەكىللەندى.

بىز ھازىر دۇنيادا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن پىكىردە بىرلىككە كېلىپ، ھەر ھەپتىدە ۋە ھەر ئايدا ۋىدىيوئارقىلىق يىغىن ئېچىپ، بۇ يىغىنلاردا ئورتاق قارار ئېلىپ، ئامېرىكا، ياۋروپا، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە باشقا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىدا قانۇنىي، سىياسىي، دىپلوماتىك ۋە لوبىچىلىق يوللىرى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ئۆزلۈكىدىنكېلىپ قالمىدى. بۇ بىزنىڭ 12 يىل جەريانىدا بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي بولۇپ، خاتالىق ۋە كەمچىلىكلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىپ، ياكى يول قويۇشۇپ، دىققىتىمىزنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىمىزدىن كەلدى. بىز بۈگۈنكى كۈندە سىياسىي كۆزقارىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان كىشىلەرنىڭ بىر نۇقتىغا كېلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە ئورتاق باش قاتۇرىدىغان، كۆڭۈل بۆلىدىغان، ھەرىكەت قىلىدىغان، ھەتتا ئاق قەغەزگە كۆرمەي تۇرۇپ ئىمزا قويۇپ بېرەلەيدىغان بىر ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈردۇق. بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ بارلىققا كېلىشى سەل قارايدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇ ئۆزئارا تەقدىرلەشكە تېگىشلىك ۋە ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە.

بىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا يىغلاپ دەرد تۆكۈپ پەرياد قىلىشتىن، خەلقئارادا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئېلىپ بارالايدىغان سەۋىيەگەيەتتۇق. بىز بۇنىڭدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى پالتىلاش، تەشكىلات ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈش، تۈركىيە ئىچى ۋە خەلقئارادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە قەتئىي يول قويمايمىز.

يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان، داۋاملىق ھەر خىل سۇيىقەستلەرئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. بىز بولساق، داۋاملىق مۇستەھكەم ئىرادىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتىمىز. مانا مەن ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، ئۆز ۋەزىپەمنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئاخىرقى تىنىقىم توختىغۇچەھەق ئۈستىدە تۇرىمەن. بىز ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرقى تىنىقلىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئالىي مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، بۇ بۈيۈك بىرلىكىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ھەرقانداق سۇيىقەست، ھەرقانداق تۆھمەت ۋە ھەرقانداق بېسىمغا باش ئەگمەيمىز. قاچاق ۋە ئوغرىلىقچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەرىكەتلەرگە يول قويمايمىز.

بىز ھەممىمىز ئىنسان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئولتۇرۇپ قوپۇشلىرىمىزدا بولسۇن، ئىش-ھەرىكەتلىرىمىزدە بولسۇن، كەمچىلىكلەردىن ساقلىنالمايمىز. شۇڭا بىزنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشكە، تەنقىدكە ۋە تەربىيەگە ئېھتىياجىمىز بار. ئەمما بۇ تەربىيە سەمىمىيلىك بىلەن بولۇشى كېرەك. بىز، بىزنى قوللاپ، يېتەرسىزلىكلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان، خاتالىقلىرىمىزنى تۈزىتىشىمىزگە پايدىسى بولىدىغان، كۈچىيىشىمىزگە ياردىمى بولىدىغان ھەرقانداق تەربىيە ۋە تەنقىدنى قوبۇل قىلىمىز. لېكىن دەۋايىمىز تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بىر پەيتتە، ئۆزىنى نىقابلاپ، تەربىيە قىلىشنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، پۇتلايمەن ياكى ئېسىلىپ تارتىپ چۈشۈرۈۋاتىمەن، دەيدىغانلارغا ھەرگىز يول قويمايمىز.

ياۋروپادىن، ئامېرىكىدىن ۋە باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ۋەكىللىرى قىلىۋاتقان پائالىيەت ۋە خىزمەتلىرىنى ئەلۋەتتە ئۆزلىرى ئاڭلىتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىدا كۆپلىگەن ياخشى خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەرمۇ ھەممەيلەننىڭ ئورتاق قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، تۈركىيە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن مۇھىم بىر دۆلەت. تۈركىيەنىڭ مۇھىملىقىنى بۈگۈنكى كۈندە بولۇۋاتقانتالاش-تارتىشلاردىن، داۋاملىق ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان سۈنئىي كۈنتەرتىپلەردىن بىلەلەيمىز. بۇ ئەھۋاللار تۈركىيە دۆلىتىنىڭ، تۈركىيە ۋەزىيىتىنىڭ، تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ قانچىلىك مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

خەلقىمىز كېچە-كۈندۈز دېمەستىن ئۆلتۈرۈلۈۋاتىدۇ. يوق بولۇش گىردابىدا تىپىرلاۋاتىدۇ.
بىز يېتىشەلمەي قېلىۋاتىمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، بەزى ئىنسانلار بىزنى يوق مەسىلىلەرگە، سۈنئىي ھەرىكەتلەرگە سۆرەپ ئېلىپ كىرىپ، ئۆزى پېتىپ قالغان لاي-پاتقاققا سۆرەپ كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ. لاي-پاتقاقتا كىم ياشايدۇ بىلەمسىلەر؟ توڭگۇز ياشايدۇ. ئۇلار بىزنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان لاي-پاتقاققا سۆرەپ ئېلىپ كىرىمەن دېسە، بىز ئۇنىڭغا بويسۇنمايمىز.

قېرىنداشلار! بىز دادىل بولايلى. بىزدە خاتالىق بولسا، ھەر ۋاقىت ئىشىكىمىز ئوچۇق. كېلىپ، يۈزتۇرانە تۇرۇپ، تەنقىد قىلساڭلارمۇ، تەربىيە بەرسەڭلارمۇ قولىمىز كۆكسىمىزدە. ئەمما شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى مەيلى تۈركىيەدە بولسۇن، مەيلى گېرمانىيەدە بولسۇن، ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا بولسۇن، ھەرقانداق باھانە، سەۋەب بىلەن چېكىندۈرۈۋېتىشكە قەتئىي بولمايدۇ. بىز ئۆزىمىزنى پىدا قىلالايمىز. مەن تەشكىلات مەسئۇللۇقىدىن ۋاز كېچەلەيمەن، يېتەركى،دەۋا كەينىگە داجىمىسۇن. تۈركىيەدە 40-50 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىر ياشاۋاتىدۇ. دېمەكچى بولغىنىم، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستانمەسىلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسىدەكۆڭلىمىز بىئارام بولغان ھالدىمۇ، سەۋر قىلايلى. چۈنكى تۈركىيە دۆلىتى ۋە خەلقى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسىنىڭ كاپالىتى. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە ئادەم تۈركىيە بىلەن ھەپىلىشىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە كېچە-كۈندۈز شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بۇ ئەھۋالنى چۈشىنىدۇ. بىز ھەر ۋاقىت ھەم قان قېرىنداش ھەم دىن قېرىندىشىمىز بولغان تۈركىيە خەلقىنىڭ بېشىمىزغا كۈن چۈشكەندە، ئاللاھتىن قالسا بىزنىڭ يېنىمىزدا بولىدىغانلىقىنى ئۇنتۇمايلى.

بىز تۈركىيەدىكىلەر بىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىمىز. بىزنىڭ ئەتىگەندە ئۆيدىن چىقساق، ھەممە يەرنى پەتھى قىلىپ، يېڭى تاغنىڭ ئۈستىگە بايراق قاداپ مېڭىش مەسئۇلىيىتىمىز يوق. ئەمما بىزنىڭ بىزگە چۈشكەن ۋەزىپىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنداش مەسئۇلىيىتىمىز بار. بىز تۈركىيەدىكى 40-50 مىڭ خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى، مەنپەئەتى، كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى قاتارلىقلارنى مۇھاپىزەت قىلىش، ئالىي مەنپەئەتىنى قوغداش، خەلقىمىزنىڭ تۈركىيەدىكى 83 مىليون خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.

ئۆتكەن يىلى تۈركىيەدىكى ئى خ خ ( İ H H - كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فوندى) تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يۈز مىڭلىغان تۈركىيە خەلقى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بىرقانچە كۈنگىچە نامايىش قىلىپ مەيدانلارنى تولدۇردى. بۇنداق ئەھۋاللار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە كۆرۈلمەيدۇ. ئىنشا ئاللاھ، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە جىق ئىشلار بولىدۇ. كۆپ نەرسىلەر ئۆزگىرىدۇ، سىياسەتتە، دىپلوماتىيەدە ھېچقانداق ئىش مەڭگۈلۈك بولمايدۇ، بىز بۇنى بىلىمىز. بىز شۇنىڭ ئۈچۈن كۈچىمىز يەتمەيدىغان باشقا ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ، پەرىشان بولماي، بىز قىلالايدىغان، بىزنىڭ كۈچىمىز يېتىدىغان ئىشلارنى ئەڭ توغرا شەكىلدە قىلىش ئارقىلىق خەلقىمىزنى رازى قىلىشقا ۋە كەلگۈسىدە ماڭىدىغان يولىمىزنى ئېچىشقا باش قاتۇرايلى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ تەشكىلاتى كېيىنكى كۈنلەردە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى. بۇ يىغىندا ئولتۇرغانلىرىڭلار ھەممە ئەھۋالنى بىلىسىلەر. مەن يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكەندەك، گەپ-سۆزلىرىمىزدە، مۇناسىۋەتلەردە، چىقارغانقارارلىرىمىزدا بەزى كەمچىلىكلەر، خاتالىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىمىز، نىيىتىمىز، قىلغان ئىشلىرىمىزدىكى سەمىمىيىتىمىزدىن ۋە ئىرادىمىزدىن ھېچكىم گۇمان قىلالمايدۇ. بىز ئۆزىمىزگە ئىشىنىمىز.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى 2006-يىلى قۇرۇلغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا جان قوشتى. تۈركىيەدىكى كۆپلىگەن مۇھىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىكھالدا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، بۇ تەشكىلاتلار ۋە تۈركىيە خەلقىگە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى ئاڭلاتتى. شۇنداقلا پۈتۈن تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كېڭىيىشىگە ھەسسە قوشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، غەرب دۇنياسىدىكىگە ئوخشاش، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دۆلەت مەركەزلىرىگە تۈركىستان ۋەزىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دوكلات سۇنۇش، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىد ۋە ئارزۇلىرىنى يەتكۈزۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىماللىقى بولغان سىياسەتلەردىن ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق قىلىشقا تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئەڭ كۈچلۈك بىر شەكىلدە قىلىپ كېلىۋاتىمىز. بىز قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى فېيسبۇكقاچىقىپ دەپ ئولتۇرمىدۇق. شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا، مۇھاجىرەتتە، جەمئىيەتتە، دۆلەت مەركەزلىرىدە ۋە مۇشۇنىڭدەك يىغىن زاللىرىدا ئەڭ كۈچەپ خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۆلەت تۈركىيە.

بىز ئەمدى نەتىجىگە كەلسەك، دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ سىياسىتى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغانلىقى ئۈچۈن، بەزى خىزمەتلەر كۆرۈنۈشتە نەتىجىسىز كۆرۈنۈپ قېلىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرچە شۇنداق كۆرۈنسىمۇ، مۇناسىۋەتلىك بەزى كىشىلەر بىلەن بولغان كۆرۈشۈشلەردە، بىزگە بېرىلگەن جاۋابلىرى ۋە ئىچكى سىياسەتتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئېلىنغان قەدەملەردە ياخشى ئىلگىرىلەشلەرنىمۇ كۆرۈۋاتىمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! تۈركىيەدە ئىش قىلىش ئاسان ئەمەس. ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى تەشكىلاتلارنىڭ ئەلۋەتتە ئۆزىگە چۇشلۇق قىيىنچىلىقلىرى بار، بىز بۇنى بىلىمىز. ئەمما تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشقا دۆلەتلەردە خىزمەت قىلىشقا سېلىشتۇرغاندا 100 ھەسسە جاپالىق دېيىشكە بولىدۇ. نېمىشقا؟ تۈركىيەدە 40-50 مىڭ مۇھاجىر بار. بۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە قانۇنىي قاتارلىق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلىرى بار. بۇ قىيىنچىلىقلار بىلەن يەنە نادانلىق ۋە خىتاينىڭ 70 يىللىق مۇستەملىكىسى جەريانىدا قېنىمىزغا سىڭىپ كەتكەن قۇللۇق كېسىلى، ئەخلاقىي جەھەتتىكى كەمچىلىكلەر ساقلانماقتا. بۇ ئەھۋاللار بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنى قىيىنلاشتۇرغان بولغاچقا، بىز مانا مۇشۇنداق نۇرغۇن قىيىنچىلىقلار ئىچىدىن ئۈزۈپ چىقىپ، دەۋايىمىزنى ئېلىپ بېرىۋاتىمىز.

خەلقىمىز كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئايالىدىن يامانلاپ قالغان، ئېرىدىن تاياق يېگەن، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىق تارتىپ قالغان، ئاغرىپ يېتىپ قالغان، تۇتۇلۇپ قالغان، تۈركىيەگە كىرەلمىگەن، تۈركىيەدىن چىقالمىغان، ئىقامىتىنى ئالالمىغان، نوپۇسىنى ئالالمىغان... دېگەندەك نۇرغۇن خىزمەتلەرنى تەشكىلاتلىرىمىزدىن كۈتىدۇ. ئۇلارنىڭ تەشكىلاتلارغا قويىدىغان تەلەپلىرىگە قارايدىغان بولساق، تەشكىلاتلارنى قانچىلىك چوڭ كۆرىدىغانلىقىنى، ھەتتا دۆلەتتەك كۆرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەمما دەۋاغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە تۇتقان پوزىتسىيەسىگەقارايدىغان بولساق، بۇلارنىڭ دەل ئەكسىچە ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز.

مۇشۇنداق بىر پەيتتە، ئۆزىمىز ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئېلىپ بېرىۋاتقان تاشقى سىياسەتلىرى سەۋەبلىك، قىلىۋاتقان خىزمەتلىرىمىزنىڭ نەتىجىسىنى قېلىپلاشقان بىر كاتېگورىيىگەقاچىلىغىلى بولمايدۇ. بۇ نۇقتىدىن، دەۋانىڭ تۈركىيەدە كۈنلۈك سىياسەتكە قۇربان بولماسلىقى، مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ بىخەتەرلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ھەم تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ بىخەتەرلىكى داۋام قىلالىشى لازىم.
تۈركىيەدىكى ئەڭ ئېغىر كۈنلەردە، ئەڭ ئېغىر سىياسىي ۋەزىيەتتىمۇ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى توختاپ قالمىدى. بىز ئەڭ ئېغىر كۈنلەردىمۇ مەيدانلاردا بولدۇق. ئىنشا ئاللاھ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىمۇ يەنە مەيداندا بولىمىز. ھازىرقىدەك خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك قاتتىق تەدبىر ئېلىنىۋاتقان پەيتتە، مۇشۇنداق بىر يىغىننىڭ ئەنقەرەدە ئېچىلىشىمۇ ئالاھىدە بىر ئەھۋال. بۇ ئەھۋالغا سەل قارىماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەسلىدە، خىتاي ۋىرۇسى بولمىغان بولسا، كۆپلىگەن رەھبەرلىرىمىز كېلىپ قاتناشماقچى ئىدى. تەييارلىق قىلىپ بولغان بولسىمۇ كېلەلمەي قالدى. بىز بۇ يىغىنىمىزنى ئىستانبۇلغا ئورۇنلاشتۇرساقمۇ بولاتتى. ئەمما بىز دەۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئەنقەرەنى تاللىدۇق. ھازىر خىتاي ۋىرۇسى بولۇپمۇ ئەنقەرەدە ئېغىر بولغاچقا، ھەتتا دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ دىققەت قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتىدۇ. ئەمما بىز مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ، مۇشۇنداق بىر ۋەزىيەتتىمۇ مۇقەددەس دەۋايىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئەنقەرەدە ئاچتۇق. ئاللاھ تائالادىن بۇ يىغىنىمىزنى دۆلىتىمىز ۋە خەلقىمىزگە مەنپەئەتلىك قىلىپ بېرىشىنى تىلەيمەن.

(2020-يىلى9-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «12-قېتىملىق دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3-قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلەنگەن نۇتۇق)

بۇ خەۋەر 5901 قېتىم كۆرۈلدى
31/10/2020 12:25:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق