ماخاتىر مۇھەممەدنىڭ فىرانسىيە ھەققىدىكى سۆزى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى

ئانادولو ئاگېنتلىقىنىڭ 29-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى ماخاتىر مۇھەممەد تىۋىتتېردا: «غەزەپلەنگەن بىر كىشى سەۋەبلىك مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام دىنىنى ئەيىبلىگەن فىرانسىيەلىكلەرنى مۇسۇلمانلارنىڭ جازالىشىمۇ ھەقلىق» دېگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ماخاتىر مۇھەممەد تىۋىتتېر ھېساباتىدا: «مۇسۇلمانلار فىرانسىيەلىكلەرنى جازالاشقا ھوقۇقلۇق. چۈنكى ئۇلار غەزەپلەنگەن بىر كىشىنىڭ قىلغان ئىشىنى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ۋە ئىسلام دىنىغا ئارتتى. ماكرون مەدەنىيەتلىك بىر شەخس ئەمەسلىكىنى نامايان قىلدى. ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشنى باھانە قىلىپ، ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەيىبلىشى ھەقىقەتەن قالاقلىق» دېگەن.

ماخاتىر مۇھەممەد يەنە: «بۇ قاتىللىق مۇسۇلمانلار قوبۇل قىلىدىغان ھەرىكەت ئەمەس. مەن پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللايمەن، ئەمما ئۇ باشقىلارنى ھاقارەت قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. پىكىر ئەركىنلىكىگە ئىشەنگەنلىكىڭىز ئۈچۈنلا، بىر كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنى ھاقارەتلىسىڭىز بولمايدۇ» دېگەن.

ئۇ يەنە، مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «فىرانسىيە تارىختا مىليونلىغان ئادەمنى ئۆلتۈرگەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نۇرغۇن مۇسۇلمان بار. ئەمما مۇسۇلمانلار فىرانسىيەلىكلەرنىڭ قىلمىشلىرىغا قارىتا "جانغا جان، قانغا قان" قائىدىسى بويىچە ئىش كۆرمىدى. فىرانسىيەلىكلەرمۇ بۇنداق قىلماسلىقى كېرەك. ئەكسىچە، فىرانسىيە ئۆز خەلقىگە باشقىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگىتىشى كېرەك. ماكرون غەزەپلەنگەن بىر كىشىنىڭ قىلمىشى ئۈچۈن بارلىق مۇسۇلمانلارنى ۋە ئىسلام دىنىنى ئەيىبلىگەن ئىكەن، مۇسۇلمانلارنىڭمۇ فىرانسۇزلارنى جازالاش ھوقۇقى بار. فىرانسۇز ماللىرىنى بايقۇت قىلىش فىرانسىيەنىڭ نەچچە يىلدىن بۇيانقى خاتالىقلىرىنى يۇيۇشقا يەتمەيدۇ» دېگەن.
ماخاتىر مۇھەممەدنىڭ مەزكۇر سۆزلىرى تور دۇنياسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تىۋىتتېردىكى مۇنازىرە قوزغىغان بىر ئۇچۇرى ئۆچۈرۈلگەن.

فىرانسىيەدە يېقىنقى يىللاردا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلىش ۋەقەلىرى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچلۈك غەزىپىگە ئۇچراپ كەلگەن. گەرچە ماكرون بۇنى «پىكىر ئەركىنلىكى» دەپ دەۋا قىلغان بولسىمۇ، غەربتىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق زاتلار باشقىلارنىڭ ئېتىقادىنى مەسخىرە قىلىشنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى ئەمەس، بەلكى جىنايەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

بۇ خەۋەر 1223 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2020 17:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق