شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 14 كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە 14 كىشىنىڭ يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

29-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان 14 كىشى بايقالغان. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە دىۋىزىيەنى قوشقاندا 14 كىشى يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن.

بۇ خەۋەر 1922 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2020 14:19:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق