ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، پومپېيو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا خىتايغا كەسكىن قارشى تۇرغانلىقىنى ماختىغان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئاسىيا سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، 28-ئۆكتەبىر كەچتە جاكارتاغا يېتىپ بارغان ۋە پەيشەنبە ئەتىگەندە ھىندونېزىيە پىرېزىدېنتى جوكو ۋىدودو ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا كېڭىيىشىگە قارشى تۇرۇشتا نۇرغۇن ئورتاق پىكىرلەردە بولغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ تەسىر كۈچىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك چەكلەش جەھەتتە يەنىلا زور پەرق بار ئىكەن.
ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پومپېيو ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھاكاۋۇرلارچە قىلمىشلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن قارشى تۇرغانلىقىنى ماختىغان ھالدا: «بىزنىڭ قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان دۆلەتلىرىمىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى قانۇنسىز تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى. بۇلارنى ھىندونېزىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دادىل رەھبەرلىك رولىدىن ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بىز ھىندونېزىيەنىڭ مەيدانىنى قارشى ئالىمىز. ھەل قىلغۇچ ھەرىكەت قوللىنىپ، ناتۇنا ئارىلى ئەتراپىدىكى دېڭىز ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدايمىز» دېگەن.
يېقىنقى مەزگىلدە خىتاينىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتلىرى ۋە بېلىقچىلىق كېمىلىرى ناتۇنا تاقىم ئارىلىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادىي رايونىغا كىرىشكە باشلىغان. پىرېزىدېنت ۋىدودو بۇ يىلنىڭ بېشىدا چوڭ ناتۇنا ئارىلىنى زىيارەت قىلىپ: «ناتۇنا ئارىلى ۋە دېڭىز ئەتراپى ھىندونېزىيەنىڭ زېمىنى» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ غەربىي جەنۇب بۆلىكىگە جايلاشقان ناتۇنا تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تەلەپ قىلمايدىكەن، ئەمما ناتۇنا ئارىلىغا يېقىن دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز سىزىق لىنىيەسى ئىچىدە بېلىق تۇتۇش ھوقۇقى بارلىقىنى دەۋا قىلىدىكەن. 2016-يىلى خەلقئارا سوت خىتاينىڭ توققۇز سىزىقلىق لىنىيەدە ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ھەققىدە ھۆكۈم چىقارغان.
ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدى بۈگۈنكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاينىڭ ناتۇنا تاقىم ئارىلىدىكى قانۇنسىز قىلمىشىنى نامىنى ئاتىماستىن تەنقىد قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «ئىككى تەرەپ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدۇق. ھىندونېزىيە جەنۇبىي دېڭىزنى مۇقىم ۋە تىنچ دېڭىز رايونى بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. خەلقئارا قانۇن، بولۇپمۇ 1982-يىلىدىكى ب د ت دېڭىز-ئوكيان قانۇنى ئەھدىنامىسى ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇنلارنى ئاساس قىلىشى كېرەك».
ھىندونېزىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارسۇدى مۇخبىرلارغا بىلدۈرگەن سۆزىدە ھىندونېزىيەنىڭ خىتايغا قارشى ۋاشىنگتون رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمىگە قاتنىشىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مەن ھىندونېزىيەنىڭ ئەركىن ۋە مۇستەقىل دىپلوماتىيە سىياسىتى پىرىنسىپىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەن. بۇ قىيىن ۋاقىتتا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى، شۇنداقلا ھەربىر دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىگە قاتنىشىشى زۆرۈر» دېگەن.
بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ يىلنىڭ بېشىدا ھىندونېزىيە ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ ھىندونېزىيەگە قونۇشى ۋە ماي قاچىلىشىغا رۇخسەت قىلىش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئۇندىن باشقا ھىندونېزىيە ھۆكۈمىتى يەنە خىتاينىڭ ھىندونېزىيەدە ھەربىي بازا قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان. ئامېرىكا خەلقئارا مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى گرېگورىي پوللىن بۇ ھەقتە توختىلىپ: «كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل ھىندونېزىيە ئامېرىكىغا پايدىلىق. چۈنكى ھىندونېزىيەنىڭ ئۆز مەنپەئەتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى ئاساسەن ئوخشاش» دېگەن.