خىتاي ئاتالمىش «يەر ئوبوروت قىلىش» نامىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالماقتا

ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىدىن بېرى ئاتالمىش «تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش» نامىدا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زور كۆلەمدىكى تېرىلغۇ يەرلىرىنى مەجبۇرىي تارتىۋالغان.

ئاتالمىش ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك نازارىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىلگەن 666666 گېكتاردىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەرنى ئاتالمىش «ئوبوروت قىلىش» نامىدا مەجبۇرىي ئېلىۋالغان ۋە بۇنىڭ بۇلتۇرقىدىن 100666 گېكتار ئاشۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتالمىش «تېرىلغۇ يەرلەرنى ئوبوروت قىلىش» نامىدا مارالبېشى ناھىيەسىدىكى دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كۆلىمى 19626 گېكتار تېرىلغۇ يەرنى مەجبۇرىي يىغىۋالغان. پۈتۈن ناھىيەدىن 31 مىڭ ئادەمنى ئاتالمىش «ئېشىنى ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا ناھىيە سىرتىغا سۈرگۈن قىلغان.

نۆۋەتتە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان بويىچە كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 26 مىڭ 400گە، ئەمەلىي بار بولغان كوپىراتىپ ئەزاسى 456 مىڭغا يەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى كېيىنكى قەدەمدە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «يەر ئوبوروتى» نامىدا دېھقانلارنىڭ ھۆددە يېرىنى تارتىۋېلىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 2006 قېتىم كۆرۈلدى
30/10/2020 11:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق