تۈركىيەدە خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يېڭىدىن 77 كىشى قازا قىلدى

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرى فاھرەتتىن كوجا تۈنۈگۈن ئاخشام تۈركىيەدىكى خىتاي ۋىرۇسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، 24 سائەت ئىچىدە تۈركىيە بويىچە يېڭىدىن خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 2305 بولغانلىقىنى، 77 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، بىر كۈن ئىچىدە ساقايغانلارنىڭ 1662 ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 28- ئۆكتەبىر بىر كۈن ئىچىدە 128312 كىشى تەكشۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە 2305 كىشىنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. بىر كۈن ئىچىدە 77 ئادەم قازا قىلغان.

سەھىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بېرى تۈركىيەدىكى يۇقۇم ئەھۋالى قايتىدىن ئېغىرلاشقان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ %40ى ئىستانبۇلدا ئىكەن. شۇنداقلا كېسىلى ئېغىر بىمارلارنىڭ %30ى ئىستانبۇلدا بولۇپ، بۈيۈكچەكمەجە رايونىدا يۇقۇملانغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئىكەن.

بۇ خەۋەر 930 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2020 13:05:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق