ئامېرىكا خىتاينىڭ بەش جاسۇسىنى قولغا ئالدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» ئەزالىرىغا زەربە بېرىپ، سەككىز كىشىنى جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەش جاسۇسنى قولغا ئالغان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى 28-ئۆكتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ۋاكالەتچىسى بولغان ۋە ئامېرىكىدىكى «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»گە قاتناشقان سەككىز كىشىنى ئەرز قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بەش جاسۇسنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا تەۋەلىكىدە قانۇنسىز ھەرىكەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنى نازارەت قىلغانلىقىنى ۋە پاراكەندىچىلىك قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. بۇ ئامېرىكىنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاينىڭ «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»گە قاتناشقانلارغا قارىتا ئەرز سۇنۇشى ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بىرۇكلىن فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى ئەيىبنامە ئېلان قىلىپ، سەككىز كىشىنىڭ ئامېرىكىدىكى خىتاينىڭ قانۇنسىز ۋاكالەتچىسى سۈپىتىدە دۆلەت ھالقىغان ۋە ئىشتات ھالقىغان ئىز قوغلاش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش جىنايىتىنى پىلانلاش بىلەن ئەيىبلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ مۇئاۋىن كاتىپى جون دېمېرس چارشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئۇلارنىڭ بەشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، يەنە باشقا ئۈچ جاسۇسنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىكى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇ جاۋابكارلارنىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە باشقۇرۇشى ئاستىدا «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى» ناملىق خەلقئارالىق قانۇنسىز قايتۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىپ، بىر قىسىم ئامېرىكا ئاھالىلىرىنى نازارەت قىلغانلىقىنى، پاراكەندىچىلىك سالغانلىقىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فېدېراتسىيە ئەيىبنامىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىغا ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش ھەرىكەتلىرىدە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلىشىشى تەلەپ قىلىنغان. ئەگەر چەتئەل ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرىنى ئامېرىكىغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتسە، ئۇلار چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئۇقتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى، خىتاي «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»دە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ماسلاشمىغان. «تۈلكە ئوۋلاش ھەرىكىتى»گە قاتناشقان خادىملار ئامېرىكىغا بېرىشتىكى مەقسىتىنى يوشۇرۇپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە دائىملىق ئاھالىلەرنى نازارەت قىلىش، تەھدىت سېلىش ۋە پاراكەندىچىلىك سېلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

بۇ خەۋەر 1139 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2020 12:49:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق