شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يەنە 23 كىشى يۇقۇملاندى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، بىر كۈن ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يەنە يېڭىدىن 23 كىشىنىڭ خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان.

28-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار 23 كىشى بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدىن تەكشۈرۈپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. قەشقەردە يېڭىدىن ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار بايقالمىغان.

شەرقىي تۈركىستان بويىچە دىۋىزىيەنى قوشقاندا 45 يۇقۇملانغۇچى بار بولۇپ، ئۈچ كىشىنىڭ كېسىلى ئېغىر ئىكەن. ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 138 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 4 مىليون 746 مىڭ 500 كىشىگە قارىتا يادرو كىسلاتاسى تەكشۈرۈشىنى تاماملىغان.

بۇ خەۋەر 1846 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2020 12:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق