پومپېيو سىرىلانكىنى خىتاينى بايقۇت قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا ئاۋازىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ھىندىستان زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 27-ئۆكتەبىر سىرىلانكىغا يېتىپ كەلگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پومپېيو چارشەنبە ئەتىگەندە سىرىلانكا پىرېزىدېنتى راجاپاكسا ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. كۆرۈشۈشتىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان پومپېيو رايون دۆلەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ئوخشىمايدىغان ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ناچار سودا، ئىگىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ۋە قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىكى قانۇنسىز ھەرىكىتىگە قارىغىنىمىزدا، خىتاي كومپارتىيەسى بىر بۇلاڭچىدۇر. بىز بۇ يەرگە دوست ۋە شېرىك سۈپىتىدە كەلدۇق» دېگەن.

پومپېيو زىيارەت جەريانىدا سىرىلانكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرىدىكى مۇھىم شېرىك ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سىرىلانكىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئامېرىكا سىرىلانكىغا قەرز ئەمەس، بەلكى ئىئانە تەرىقىسىدە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر ئىككى مىليارد دوللار قىممىتىدىكى ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

پومپېيو ئون نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم سىرىلانكىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ، ئۇ زىيارەت جەريانىدا سىرىلانكا رەھبەرلىرىگە خىتايغا بولغان تايىنىشنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلغان.

ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇندىن بۇرۇن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سىرىلانكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى تەرەققىيات مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، قارشى تەرەپ تۆلىيەلمەيدىغان قەرزگە بوغقانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ قەرز تۇزىقىغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەنقىد قىلغان. مەلۇم بولۇشىچە، 2017-يىلى 12-ئايدا سىرىلانكا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ قەرزىنى قايتۇرالمىغاچقا، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ھامبانتوتا پورتىنى خىتايغا 99 يىللىق مۇددەت بىلەن ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

چارشەنبە مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەن سىرىلانكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گۇناۋاردېنا خىتاينى بىۋاسىتە تەنقىد قىلىشنى خالىمىغان ھالدا: «سىرىلانكا بىتەرەپ، ئىتتىپاق تۈزمىگەن بىر دۆلەت، تىنچلىقنى قوغدايدۇ. بىز ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلاشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەن.

بۇ خەۋەر 986 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2020 12:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق