پومپېيو «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى»دە بايانات ئېلان قىلدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 27-ئۆكتەبىر «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلغان.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئالدىنقى يىللىرىغا ئوخشاش دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

پومپېيو باياناتىدا يەنە: «بۈگۈنكى كۈندە خىتاي، ئىران ۋە شىمالىي كورىيە دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان ئۈچ دۆلەت. ئۇلار يەنىلا ئۆز خەلقىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن باستۇرۇشنى كۈچەيتمەكتە. تېخىمۇ خەتەرلىك بولغىنى خىتاي كومپارتىيەسى پىكىرىگە ماس كەلمەيدىغان بارلىق ئېتىقادلارنى يوقىتىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن.

پومپېيو يەنە 2020-يىلى 2-ئايدا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك بىرلەشمىسى (IRFBA) قۇرۇلغاندىن بۇيان 31 دۆلەتنىڭ بۇ تەشكىلاتقا قاتنىشىشقا ۋە دۇنيادىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، خىتاي ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئېتىقادى سەۋەبلىك ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان كىشىلەرنى قويۇپ بەرگەنلىكىنى، باشقا دۆلەتلەرنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 912 قېتىم كۆرۈلدى
29/10/2020 12:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق