ماناستىكى ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ چېقىلغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى 2014-يىلىدىن بېرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن لاگېرغا قاماپ، خىتايغا قارشىلىق بىلدۈرۈش ئېھتىماللىقى بار، دەپ قارىغان بارلىق ئۇيغۇرلارغا قارىتا تازىلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامىي ئىزلارنى كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن مەسچىتلەرنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن چېقىشقا باشلىغان. ھازىرقى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تۆت يىل ئىچىدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتنى چېقىپ تاشلىغان ياكى بۇزغۇنچىلىق قىلغان.

پىدائىيلار يەنە سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ سانجى ئوبلاستى ماناس ناھىيە بازىرى تەۋەلىكىدىكى بىر ئۇيغۇر مەسچىتىنى پۈتۈنلەي چېقىپ تۈزلىۋەتكەن. شۇنداقلا بۇ مەسچىتكە يېقىن ئورۇندىكى چېقىلىشتىن ئامان قالغان يەنە بىر ئۇيغۇر مەسچىتى، بىر قازاق مەسچىتى ۋە بىر تۇڭگان مەسچىتىنىڭ گۈمبەز ۋە مۇنارلىرىنى چېقىۋەتكەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەزكۇر مەسچىتلەرنىڭ 2016-يىلىدىكى مۇكەممەل ھالىتى بىلەن ھازىرقى چېقىۋېتىلگەن ھالىتى سېلىشتۇرما قىلىنغان رەسىملەر تارقالغان.

يېقىنقى ئىشەنچلىك مەلۇماتلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە چېقىلىشتىن ئامان قالغان مەسچىتلەرنى تاقىۋالغان ياكى ساياھەت ئورنى سۈپىتىدە قوللانماقتا ئىكەن.

 

بۇ خەۋەر 2438 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2020 14:57:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق