ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان خىتاينىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىمىلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ 27-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يېڭى دېھلىدىكى ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەتنىڭ رايون تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قويۇق ھەمكارلىقنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇچرىشىشتا ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىنگى باشتا سۆز قىلىپ، تۆت مىنىستىرنىڭ پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتقان ھەمدە ھىندىستاننىڭ شىمالىي چېگرادا تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىشارەت قىلغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى پومپېيو ئېچىلىش نۇتۇقىدا سۆھبەت تېمىسىنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ: «بىز بۈگۈن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىن تارتىپ، خىتاي ۋىرۇسنى يوقىتىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئەركىنلىك تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-ھىندىستان مۇداپىئە ھەمكارلىق رامكىسى قۇرۇلغىلى 15 يىل بولغانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى رايون ۋە خەلقئارا بىخەتەرلىك خىرىسىغا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىنى، بۈگۈنكى سۆھبەتتە ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق ئورتاقلىشىشنى كۈچەيتىش ۋە ئىككى ئارمىيەنىڭ ئەشيا ئوبوروتى ھەرىكىتىنى ئۆزئارا قوللاشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇھىم مۇداپىئە ھەمكارلىق تۈرلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئايرىم سۆھبەتلەشكەن. ئېسپېر بىلەن سىنگى سۆھبەتتە ئامېرىكا-ھىندىستان «ئاساسىي مۇناسىۋەت ھەمكارلىق كېلىشىمى» ھاسىل قىلغان. بۇ ئامېرىكا بىلەن ھىندىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە ھاۋا بوشلۇقى ئۇچۇرىدىن تەڭ ئورتاقلىشىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا ۋە ھىندىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە ياپونىيە ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى توكيودا تۆت تەرەپلىك ھەمكارلىق رامكىسى ئاستىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىدىكى خىرىسىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا تايىنىشنى قانداق ئازايتىشنى مۇزاكىرە قىلغان. خىتاي بۇ سەۋەبلىك ئامېرىكىنى تۆت دۆلەت ئىتتىپاقىنى ئىشلىتىپ، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تەرەققىياتىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغانلىقىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 879 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2020 14:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق