شەرقىي تۈركىستاندا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 183كە يەتتى

ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش كومىتېتى» بۈگۈن ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئۇچۇردا بىلدۈرۈلۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 183كە چىققان.

28-ئۆكتەبىر 24 سائەت ئىچىدە شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىدىن 22 يۇقۇملانغۇچى بايقالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى 19 كىشى ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن شەرقىي تۈركىستان بويىچە ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار 183 كە يەتكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۇقۇملانغۇچىلار 22، ئالامەت كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلار 161 بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر بىر نەچچە كۈن ئىچىدە قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە 4 مىليون 746 مىڭ 500 كىشىگە قارىتا يادرو كىسلاتاسى سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈشنى تاماملىغان.

قەشقەردە بويىچە 14 كۈن ئىلگىرى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بار بولۇپ، بۇلارنى ئۆز ۋاقتىدا دائىرىلەر بايقالمىغان. خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنىڭ مەلۇم زاۋۇتتا ئىشلەيدىغان ئىشچى ئىكەنلىكى بولغاچقا، باشقا ئىشچىلارغا يۇقتۇرغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خەۋەر 1909 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2020 14:40:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق