ئامېرىكا يەنە تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى جىددىي كۈچەيتمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى تەيۋەنگە 2 مىليارد 370 مىليون دوللار قىممىتىدىكى 100 يۈرۈش خارپۇن دېڭىز قىرغىقى مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە ئالاقىدار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان. بۇ ئامېرىكىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە تەيۋەنگە تۆتىنچى قېتىم قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسى تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى بىرلىكتە تەستىقلىغان بولۇپ، بۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتىنى بىلىپ يەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئامېرىكىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەسىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئوخشاش ئىستراتېگىيەسى بار ئىكەن. تەيۋەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى ليۇ شىفاڭنىڭ قارىشىچە، سەي يىڭۋېن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرغان. بۇ ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تەيۋەننى ساقلاپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشى بولۇپ، تەيۋەندىكى كۆپ قىسىم كىشىلەرمۇ بۇ خىل سىياسەتنى قوللايدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تەيۋەندىكى ئەڭ چوڭ ئۆكتىچى گومىنداڭ پارتىيە رەئىسى جياڭ چىچېن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى «ئامېرىكا-تەيۋەن مۇداپىئە سانائىتى» تور يىغىنىغا قاتناشقاندا، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھازىر ئامېرىكا تەيۋەننى ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى پېشكا ياكى بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ كوزىرى قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ نارازىلىقىغا قارىماي تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىشنى ئارقا-ئارقىدىن تەستىقلىشىغا قارىتا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى، ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ سېتىش پىلانىنى بىكار قىلىپ، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ۋە رايوننىڭ مۇقىملىقىغا داۋاملىق زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خەۋەر 863 قېتىم كۆرۈلدى
28/10/2020 14:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق