ئامېرىكا خىتاينى جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

ئامېرىكا خىتاينى جازا لاگېرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

29-ماي ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مورگان ئورتاگۇس بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى جازا لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرغان.
باياناتتا رامىزان ئاخىرلىشىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرىمى روزا ھېيت يېقىنلاپ كېلىۋاتقان ئالاھىدە مەزگىلدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى زور كۆلەمدە باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى، بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنىشىدەك پاجىئەدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق ئەندىشە قىلغانلىقىنى، جازا لاگېرلىرىدىكى تەن جازاسى، قىيىن-قىستاقلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
باياناتچى سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئىسلام ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇقەددەس ھېسابلىنىدىغان رامىزان ئېيىدىمۇ قاتتىق خورلىنىش ۋە قىيىن-قىستاقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خىتاينى بۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا تېزدىن خاتىمە بېرىپ، جازا لاگېرلىرىدىكى بارلىق تۇتقۇنلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇپ، روزا ھېيت خۇشاللىقىدىن بىرلىكتە بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ خەۋەر 10984 قېتىم كۆرۈلدى
30/05/2019 12:42:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق